باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بالانى كېم تېرىغان بولسا شۇ ھەل قىلىش كېرەك

2014.11.28 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە 24-نويابىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «دەم ئېلىش بەلگىسى» ئۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاخىرىقى مۆھلىتى يەتتە ئاي كەينىگە سۈرۈلدى، خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ قېتىمقى «دەم ئېلىش» «مەڭگۈلۈك دەم ئېلىش» ئەمەس ئىدى.

  بۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتىنىڭ بۇ يىل 2-قېتىم ئارقىغا سۈرۈلۈشى، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ھازىرقى نەتىجە ئەسلىدە بېكىتىلگەن نىشان بولغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا بەلگىلىك ئارلىق بار ئىدى، ئەمما بۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە 12 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور ئىلگىرلەش. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىختىلاپى مەۋجۈت، ئەمما ھەممەيلەن سۆھبەتنى ئېنىق داۋاملاشتۇرۇش ئەڭ ياخشى يول دەپ قارىماقتا.

  نۆۋەتتىكى «كەينىگە سۈرۈش» بەلكىم ئەڭ ياخشى نەتىجە بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھېچبولمىغاندا تىنچ ھەل قىلىش يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كەتمىدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى نۇرغۇن دۆلەتكە چېتىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتىكى ئاچقۇچلۇق ئىككى تەرەپ بولغان ئىران بىلەن ئامېرىكىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ مەملىكەت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كېرەكلىك كۈچ سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلەردىن ئاز ئەمەس.

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نېمە ئۈچۈن تەس؟ بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر «مەسلىگە» ئايلانغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.

  ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش پائالىيىتى ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 50-يىللىرىدىكى پەھلەۋى پادىشاھلىقىدىن باشلانغان، ئىلگىرى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1979-يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋى پەھلەۋى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئامېرىكىغا قارشى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى، ئامېرىكا بىلەن ئىران بۇنىڭ بىلەن قارشىلاشتى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىتپاقداشلىرى ئىران بىلەن بولغان بارلىق يادرو ھەمكارلىقىنى توختاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى ئىزچىل ئىراننى مەخپىي يادرۇ قۇرالى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن، ئىراندا بىر قىسىم ئىجابى تەسىرلەر بولغان، يەنى 2003-يىلى «يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ قۇشۇمچە توختامنامىسىنى ئىمزالىغان، ئەمما ئامېرىكا ئىراننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچمىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىراننى تۆت نۆۋەت جازالىشىغا پائال تۈرتكە بولدى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتىتپاقداشلىرى يەنە ئىراننى ئۆز ئالدىغا جازالىدى.

  ئۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا يەنە ئىراق، ئافغانىستان قاتارلىق ئىراننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە بىر يۈرۈش ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى، پۇتۇن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھازىرغىچە زور ھەربىي قىسىمى مەۋجۈت، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىتىتپاقدىشى ئىسرائىلىيە «يادرو قۇراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ چەكلىمىسى سىرتىدا يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئىراننى ئەتراپ بىخەتەرلىك تەھدىتى سەۋەبىدىن يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە دېسەك، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قىلمىش ئەتمىشلىرى ئىراندا بۇ خىل خەتەرلىك تۇيغۇنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرستىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياستى ھەتتا ئۇنىڭ پۇتكۇل ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشى تەس.

  ئەمەلىيەتتە مەيلى نۆۋەتتىكى ئىراننىڭ يادرو تالاش-تارىتىشى، ھەل قىلىنماي كىلىۋاتقان پەلەستىن ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق ياكى ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشى، كۇنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىكىستىرزىم، تىررورىزىم ئاپەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئامېرىكا ئامىلى مەۋجۈت. ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بۇ ئەمەلىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىدا ئامېرىكىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.

  بالانى كېم تېرىغان بولسا شۇ ھەل قىلىش كېرەك. مەسلىنى ھەل قىلىشتا ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئۆز-ئارا ئەيىبلەشتىن مۇھىم. ئىقتىسادى جازاغا تايىنىش ھەتتا قۇراللىق تەھىدىد سېلىش ياخشى چارە ئەمەس.

  ھەر قانداق بىر دۆلەت جازالاشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يادرولۇق بىخەتەرلىك مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ھازىرغىچە جازالاش ۋاستىسى ئىراننىڭ يارو تەرەققىيات پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمىدى، ئەكىسچە، ئىران خەلقىنىڭ تۇرمۇش قېيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىراننىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كۈچلۈك گۇرۇھلارنىڭ غەربكە قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى ھەمدە ئىراننى خەلقئارا جەمئىيەتتە يېتىم قالدۇرۇش تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۋەتتى.

  ئوبامانىڭ ھۆكۈم قېلىش ئىقتىدارى شۈھبىسىزكى، ئامېرىكا مەملىكەت ئىچىدىكى ئىسرائىلىيەپەرەس گۇرۇھ قاتارلىق كۈچلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونتىرۇل قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قىلىشى، ۋەزىپە ئۆتەشكە ئىككى يىللا قىلىش قاتارلىق ئامىللار ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىرادە، جاسارەت، مەسئۇلىيەت بىلەن ئىرانىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر