باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى ئاممىۋى قاتناش ۋە يەر ئاستى پويىز بېلىتى باھاسىنى تەڭشىدى

2014.11.28 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 27-نويابىر ئاممىۋى قاتناش باھاسىنى تەڭشەش سىياسىتىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. يەر ئاستى پويىزى ۋە ئاممىۋى قاتناش باھاسىدا ئىسپات ئاڭلاش لايىھەسىنىڭ 2-جىسى يولغا قويۇلدى، يەنى يەر ئاستى پويىزىنىڭ باشلىنىش باھاسى ئالتە كىلومېتىر ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ بىلەت باھاسى ئۈچ يۈەن بولدى، مۇساپىگە قاراپ قۇشۇلۇپ ماڭىدۇ، ھازىرقى يول تور كۆلىمى بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 9يۈەن بولىدۇ. ئاممىۋى قاتناشنىڭ باشلىنىش باھاسى 10 كىلومتېر ئىچىدە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۈەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بەش كېلومېتىرغا بىر يۈەن قوشۇلىدۇ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش كارتىسىغا %50، ئوقۇغۇچىلار كارتىسىغا %75ئېتىبار بېرىلىدۇ. بۇ لايىھە 28-دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى قاتناش كارتىسى ئىشلىتىپ يەر ئاستى پويىزىغا چىققانلارنىڭ ھەر ئايدىكى چىقىمى 100يۈەنگە تولسا، كېيىن يەر ئاستى پويىزىدا ئولتۇرغاندا %20ئېتىبار بېرىلىدۇ. 150 يۈەنگە تولسا، باھادا %50ئېتىۋار بېرىلىدۇ. چىقىمى 400يۈەنگە يەتسە، داۋاملىق يەر ئاستى پويىزىغا ئولتۇرسا، قايتا ئېتىۋار بىرىلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر