25-نويابىر، ئامېرىكا خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدىكىلەر مىسسۇرى شىتاتىدىكى فېگسون ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن قارشىلاشتى. ئامېرىكا مىسسۇرى شىتاتىد سان لۇئىس ناھىيەسىدىكى چوڭ زاسىداتىللار ئۆمىكى 24-چېسىلا كەچتە ئافرېقىلىق ياش مايكول بۇراننى ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى سارىن ۋىلسۇننى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى، نۇرغۇن شەھەرلەردە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى، فېگسون رايونىدا قوراللىق ئېتىشىش، بۇلاش، ئوت قويۇش قاتارلىق زوراۋانلىق قوزغىلىڭى يۈز بەردى. 25-چېسىلا مىسسۇرى شىتاتى فېگسوندا خەلق مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىدىن 1500 نەپەر خادىمنى ئامانلىقنى ساقلاشقا ئاجراتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى