باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

16-نويابىر لوڭيۈەن يېمەكلىك شىركىتىدىكى ئوت ئاپىتى سەۋەبى ئېنىقلاندى

2014.11.28 15:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  16-نويابىر شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شوۋگۇاڭ شەھىرى خۇالۇڭ بازىرى پېيلىڭ كەنتى لوڭيۈەن يېمەكلىك شىركىتىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 18 كىشى قازا قىلدى، 13 كىشى يارىلاندى، ئوت كۆلىمى بەش مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ. يېقىندا گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى سىرتقا بۇ ۋەقەنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ شىركەتنىڭ تۇراقلىق تىمپىراتۇرا ئىسكىلاتىدىكى تام بويلاپ ئورنىتىلغان مۇزلىتىش ماشىنىسىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان لىنىيەنىڭ ئۇلاش ئۇچى زىيادە قىزىپ ماس بولۇپ قىلىپ، تام يۈزىدىكى پولىئۇرېتان كۆپۈكلۈك ماتېرىيالىنى كۆيدۇرۇپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلغان. دەسلەپكى تەھلىلگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى لوڭيۈەن يىمەكلىك شىركىتىدە: قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇت ئۆيلىرىنى مۇنتىزىم لايىھەلىمەسلىك، ئېلىكتىرۇنلۇق سايمان لىنىيەلىرىنى تامغا ئورۇنلاشتۇرۇش، تارقاقلاشتۇرۇش يوللىرى، بىخەتەرلىك چىقىش ئېغىزىنى لايىھەلەش ئۆلچەم تەلىپىگە يەتمەسلىك، ئىدارىنىڭ بىخەتەرلىك تەشۋىقات تەلىم تەربىيەسى جايىدا بولماسلىق، جىددى تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇشى كەمچىل بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ئاشكارلاپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر