باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: جۇڭگوچە تىببىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2014.11.28 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ تىبابەت بىلەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ كىلىنىكا مېدىتسىناسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تىبابەت بىلەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ كىلىنىكا مېدىتسىناسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 27-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تىبابەت بىلەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش كىلىنىكا مېدىتسىناسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك يولدۇر، بۇ قېتىمقى مەخسۇس يىغىن تېببىي پەن مائارىپى ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى ئۆزئارا تۈرتكە قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ساغلاملىق مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئېھتىياجلىق. مائارىپ مىنىستىرلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، تېببىي پەن مائارىپى ۋە تېببىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تىبابەت بىلەن مائارىپنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋە يېڭى مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە تېببىي پەن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندىن ئاۋۋال، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئالتە ئورۇن بىرلىكتە «تىبابەت بىلەن مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ كىلىنىكا مېدىتسىناسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى. يىغىندا «پىكىر»نىڭ روھىنى ئىزچىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىلىنىكا مېدىتسىناسى مائارىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئالىي مەكتەپ مائارىپى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى تەربىيە ۋە داۋاملىق تەربىيە قاتارلىق 3 باسقۇچنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كىلىنىكا مېدىتسىناسى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر