باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققى نېمىشقا شۇنچە قىممەت ؟

2014.11.28 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، مەن ئايروپىلانغا ئولتۇرماقچى بولدۇم، ئايرودۇرۇم خادىملىرى يۈك-تاقنىڭ ئۆلچەملىك تېڭىلمىغانلىقىنى، قايتا تاڭمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېڭىپ بولغاندىن كېيىن 70 يۈەن ھەق تۆلىشىمنى تەلەپ قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ ساندۇق 20 يۈەن، كىچىك ساندۇق 10 يۈەن، تېڭىش ھەققى 10 يۈەن، 6 پارچە سىلكىنىشتىن ساقلاش پىليونكىسى 30 يۈەن بولىدىكەن، ھەقىقەتەن قىممەت ئىكەن.

  ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن تورغا چىقىپ تەكشۈرۈپ كۆرسەم ماڭا ئوخشاش كەچۈرمىشكە يولۇققانلار خېلى كۆپ ئىكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇش ئەھۋالى نۇرغۇن ئايرودۇرۇملاردا مەۋجۇت ئىكەن، يەنە كېلىپ پوچتىخانىنىڭ تېڭىش ھەققىدىن 4 ھەسسە قىممەت ئىكەن. ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققى قىممەت بولغاننى ئاز دەپ، سىلكىنىشتىن ساقلاش پىليونكىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ ئىشلىتىدىكەن. نەتىجىدە ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش مۇلازىمىتى «خەلققە قولايلىق يارىتىش» تىن «خەلقنى كوملاش» قا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، شۇڭا بەزى كىشىلەر ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققىنى قىممەت كۆرۈپ، بەزى يۈك-تاقلىرىنى تاشلاپ قويىدىكەن.

  ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇشىدىكى سەۋەب بەزى ئايرودۇرۇملار يۈك-تاق تېڭىش مۇلازىمىتىنى مونوپول قىلىۋالغان. سەۋەبىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندە ھۆددىگە ئالغۇچىنىڭ تەننەرخى ئىچىدە ماتېرىيال ھەققى، ئادەم خىراجىتى، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق چىقىملار نورمال بولسىمۇ، ئايرودۇرۇمغا تاپشۇرىدىغان ئىجارە ھەققى، ھۆددىگە ئېلىش خىراجىتى قاتارلىقلار يەنىلا قىممەت ئىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى ئايرودۇرۇملارنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب، ئۇلار مونوپول قىلىۋالغان يۈك-تاق تېڭىش مۇلازىمىتىنىڭ تەننەرخىنى يولۇچىلارنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ قويغانلىقىدا. شۇڭا ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك-تاق تېڭىش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇش ئەھۋالىنى تۈزەشتە رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ مونوپوللۇقنى بۇزۇپ تاشلاش ئەڭ مۇھىم، ئۇنىڭدىن باشقا، ئايرودۇرۇملار ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر