باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېڭى ۋەزىيەتتە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلايلى

2014.11.28 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەملىكەتلىك پېنسىيەگە چىققان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت، پارتىيە خىزمىتىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، كەڭ پېشقەدەم كادىرلارغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدىكى ھەر تۈرلۈك فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى بىرمۇبىر ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. (لى جاڭجۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر