باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئارمىيەدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا ئەسلا ئورۇن يوق

2014.11.28 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ يەنشېڭ 27-نويابىر مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئارمىيەدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش خىزمىتى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئارمىيەدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا ئەسلا ئورۇن يوق.

  شۇ كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر: يېقىندا تاراتقۇلاردا ئارمىيە ئىچىدە نۇرغۇن گېنېراللارنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ، بۇ خەۋەر راستمۇ؟ بۇ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن ئارمىيەدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ داۋاملىق زورايتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ-قانداق؟ دەپ سورىدى.

  باياناتچى گېڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: ئارمىيە سىياسىي خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، ئارمىيەدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش خىزمىتى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھازىر ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  «تەكىتلەش زۆرۈركى، ئارمىيەدە چىرىك ئۇنسۇرلارغا ئەسلا ئورۇن يوق. ئارمىيەدە كۆرۈلگەن چىرىكلىشىش دېلولىرىنىڭ مەيلى كىمگە چېتىلىشى، مەنسىپىنىڭ قانچە يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلايمىز، ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمىز» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر