باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە «شەرقتىكى ش ئا ئە ت» يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ، دېگەن قاراشقا ئىنكاس قايتۇردى

2014.11.28 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 27-چېسلادىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بەزى تاراتقۇلارنىڭ «يېقىندا جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۇزاق مۇددەتلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، <شەرقتىكى ش ئا ئە ت> يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ» دېگەن خەۋىرىگە قارىتا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى باراۋارلىك، ئىشەنچ، ئۆزئارا قوللاش، ئورتاق گۈللىنىش، ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئاساسىغا قۇرۇلغان، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى دۆلەتنى نىشانلىماسلىق − جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشتىكى ھاياتىي كۈچىدۇر.خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چوڭ قوشنا دۆلەت، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، خەۋپسىزلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى ساھەلەردە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. (جاڭ يۈەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر