خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنى تەكشۈرۈشكە كەلدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلپ مۇنداق دېدى:«بارلىق يېزا ئاھالىسىنىڭ پاكىز سۇ ئىچەلىشى ئۈچۈن تىرىشىش ۋە ئاممىنىڭ ئەڭ ئاساسىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يارىتىپ بېرىش ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر. كېلەر يىلى ھەل قىلغۇچلۇق يىل، ھەرقانچە قىيىنچىلىق بولسىمۇ چوقۇم ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي ئىشەنچلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ».
مەنبە: خەلق تورى