باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق يېڭى قاتناش قانۇنى يولغا قويۇلدى

2014.11.28 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى مىسىر تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق يېڭى قاتناش قانۇنى 24-نويابىردىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇلدى. بۇ مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تاشيول قاتناش ۋەقەسىنى ئازايتىشتىكى ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىسىردا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى داۋاملىق كۆپىيىپ، تاشيول قاتناش ۋەقەسى كۆپەيدى، ئادەم يارلىنىش، قازا قىلىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى ئېغىر بولدى، بۇنى تۈزەش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە مىسىردا 100مىڭ قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 2013-يىلىلا 33مىڭ قېتىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن يىلىغا 13مىڭ كىشى قازا قىلىپ، 15مىليارد مىسىر فوندستېرلىڭى ئىقتىسادى زىيان بولغان. مىسىردا قاتناش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى مۇرەككەپ. مىسىر قاتناش تىرانسىپورت مىنستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى، تاشيول قاتناش مۇتەخەسسسى ئەلى سەلىم مۇخبىرغا: مىسردا قاتناش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشدىكى ئاساسلىق سەۋەب: شوپۇرلاردىكى ناچار ماشىنا ھەيدەش ئادىتى، تاشيول قاتناش ئەسلىھەسىنىڭ ئارقىدا قىلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدىن بولدى، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مىسىر شوپۇرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ناچار ماشىنا ھەيدەش ئادىتى بار، مەسىلەن، بەزىلەر مەس قىلىش دورىلىرىنى يەيدۇ، ھاراق ئېچىدۇ، قارشى يولدا ماڭىدۇ. %70تىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەندە، ئۇلار ماشىنا ھەيدىگەندە مەس قىلىش دورىسى يىگەنلىكى مەلۇم بولدى، ئۆلۈم –يېتىم پەيدا قىلغان قاتناش ۋەقەسىنىڭ يېرىمى ئېغىر تېپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا چېتىلىدۇ.

  مۇخبىر يەنە مىسىر يوللىرىنى كۈزىتىش داۋامىدا، شوپۇرنىڭ ماشىنا ھەيدەۋېتىپ، تىلېفون ئۇرۋاتقانلىقى، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ مەخسۇس لىنىيەدە ماڭمايۋاتقانلىقى، كىچىك مىنبۇسنىڭ خالىغانچە توختاپ يولۇچى سېلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىگى، بۇنىڭ تاشيول بىخەتەرلىكىگە يۇشۇرۇن خەۋىپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى.

  سەلىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىسىرنىڭ تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشى قالاق. تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە قوغداشتىكى ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلمىغان، راسخۇتنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن نورغۇن ئاساسلىق غول لىنىيەلەر ئۇزاقتىن بۇيان رىمۇنت قىلىنمىغان، يۈرۈشلەشكەن قاتناش ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى، سىگنال چىرىقى، خەتەردىن ساقلىنىش ئەسلىھەسى قاتارلىقلار كەمچىل.

  پايتەخت قاھىرەنىڭ ئايلانما شەھەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ياسالغان بو چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىل مەخسۇس ئايلانما يولى، باشقۇرۇشتا ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلمىغان، قوغداش ۋە نازارەت قىلىش جايىدا بولمىغانلىقتىن، پىكاپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى قالايمىقان ھەيدەش، ئەسلىھەلەر كونىراش تۈپەيلىدىن بىخەتەرلىك ئەھۋالى تەدرىجىي يامانلىشىپ، مىسىردىكى «ئەڭ خەتەرلىك» تاشيوللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىسىر تاشيوللىرىدا سىنئالغۇ قاتارلىق نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل بولغانلىقتىن، نازارەت قىلىشتا كۆپىنچە ھاللاردا دىجۇرنىلىق قىلىۋاتقان ساقچىلارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مىسىر قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىسا نومۇر تۇتۇش مېخانىزمىنى ھازىرغىچە يولغا قويمىدى، بۇرۇنقى قانۇندا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى جازالاش يىنىك بولۇپ، قانۇن ئىجراسى قاتتىق ئەمەس. بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  مىسىر ھۆكۈمىتى قاتناش قانۇنىغا دەرھال تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يېڭى قاتناش قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى كونا قائىدىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى، جازالاش سالمىقىنى زورايتتى. ئالايلوق، يېڭى قاتناش قانۇنىدا، شوپۇرلار ماشىنا ھەيدىگەندە مەس قىلىش دورىسى يىسە، ھاراق ئېچىپ ماشىنا ھەيدىسە ياكى قارشى يۆنىلىشتە ماڭسا، ئاز دېگەندە بىر يىل نەزەربەند قىلىنىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە 10مىڭ مىسىر فۇندستىرلىڭى جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئادەملەرنىڭ مېيىپ بولۇشى ياكى قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چقارسا ئۈچ يىلدىن يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، 20مىڭ مىسىر فۇندستىرلىڭى جەرىمانە قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  مىسىر تىرانسىپورت مىنستىرلىقى تەدبىر قوللىنىپ، تاشيول قاتناش قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىدى. جايلار تۇنجى تۈركۈمدە 54 تاشيولنى تاللاپ نۇقتىلىق ئۆزگەرتتى، بۇ قانۇنغا خىلاپ يول بەلگىلىرىنى بىكار قىلىش، سىگنال چىرىقى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئورنۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت پايتەخت ئايلانما يولى ۋە بىر قانچە غول لىنىيەلەرنى نۇقتىلىق رىمۇنت قىلىشقا پۇل ئاجراتتى، يەنە سوقۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رېشاتكىسى، خەتەردىن ساقلىنىش ماشىنا يولى قاتارلىق ئىلغار قاتناش ئەسلىھەلىرىنى كىرگۈزدى. بۇنىڭدىن باشقا، يۈزگە يېقىن ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئىنژىنىرلارنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى يېڭى تاشيول قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا ۋە نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، تاسادىپىلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  يېڭى قاتناش قائىدىسى يولغا قويۇلىۋاتقان پەيتتە، مىسىر يەنە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى. قاتناش ساقچىلىرى يەسلى ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىرىپ، قاتناش قانۇن بەلگىلىمىسى ۋە قاتناش بەلگىسى، قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا دەم ئېلىش پونكىتى قۇرۇش، كونا قاتناش ۋاستىلىرىنى تازلاش، شوپۇرلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سالماقنى زورايتىدىكەن.

  سەلىم مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تاشيول قاتىنىشىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىگە، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇن تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ جەريان ئۇزاق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر