فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر سوتى 29-نويابىر مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە چېتىلىپ قېلىش دېلوسى كۈچكە ئىگە ئەمەس، مۇبارەك گۇناھسىز، دەپ جاكارلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، سودىيە يەنە مۇبارەك ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق بەش نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئەمەلدارلىرىنىمۇ گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان.