باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فېرگۇسون قالايمىقانچىلىقى: FBI تەكشۈرۈش خادىمى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئامېرىكىدا 400 نەچچە كىشى قولغا ئېلىندى

2014.11.28 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئامېرىكا ساقچى تەرەپ ۋە مىللىي مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتى 26-نويابىر كىچىدە فېرگۇسوندا قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ كېچە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىققا تاقابىل تۇردى. شۇ كۈنى كېچىگىچە ئامېرىكىنىڭ 30 نەچچە شتاتىدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە 400 نەچچە كىشى قولغا ئېلىندى.

  شۇ كۈنى، يەنى 26-نويابىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ ئىككى نەپەر تەكشۈرۈش خادىمى فېرگۇسون شەھىرى ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان.

  26-نويابىر فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى ئىككى نەپەر تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ شۇ كۈنى سەھەر سائەت 3 لەردە سان لۇئىس ناھىيەسىدىكى ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشىغا ياردەملىشىۋاتقاندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىرىنىڭ مۈرىسى، يەنە بىرىنىڭ پۇتى يارىلانغانلىقىنى، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر ۋەقە فېرگۇسوننىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن. باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ يارىلىنىشىنىڭ ۋىلسوننىڭ ئەيىبلەنمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئېغىر قالايمىقانچىلىق بىلەن «بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن». بىراق ئۇ ۋەقەنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر