ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ 26-نويابىر ABC خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، فېرگۇسوندىكى قوراللىق دېلوغا چېتىشلىق ئاق تەنلىك ساقچى داررېن ۋىلسون سەيشەنبە كەچتە ABC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى سىتېفانوپۇلوسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەگەر دېلو سادىر بولغان كۈنى قايتا تەكرارلانغان تەقدىردىمۇ ، ئۆزىنىڭ شۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ، شۇنداقلا ئۆز قىلمىشىدىن ئۆكۈنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا زىيارەت قوبۇل قىلىشى ئىكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ۋىلسون 9-ئاۋغۇستتىكى دېلو توغرىسىدا توختىلىپ ، 18 ياشلىق ئافرىقىلىق ياش بىروۋننى بىكاردىن بىكار ئېتىۋەتمىگەنلىكىنى ، بەلكى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئوق چىقىرىپ ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئېيتقان . ۋىلسون : ‹‹ بىروۋن ئەينى ۋاقىتتا ساقچى ئاپتوموبىلىغا يېقىنلىشىپ ، قورالىمنى تارتىۋالماقچى بولدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئوق چىقىرىشنى تاللىدىم ›› دېگەن . ئۇ بىروۋننىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئوق چىقارغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلغان .
ۋىلسون بىر ھاياتلىقنىڭ شۇنداقلا ئاخىرلاشقانلىقىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ، لېكىن شۇ كۈنىدىكى ئىش قايتا يۈز بەرسە ، ئۇ يەنىلا شۇ بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.