باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ تىيەنجىن خېبىي ماس تەرەققىيات مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2014.11.27 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان «ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ بېرىكىشىنى تېزلىتىش» باش تېمىسىدىكى بېيجىڭ تىيەنجىن خېبىي ماس تەرەققىيات مۇنبىرى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن چاڭجى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ تىيەنجىن، خېبىي كەىسپ زەنجىرىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ئارقىلىق، ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈش كېرەك. ئۈچ يەر يېقىندىن ھەمكارلىشىپ رايون ئېكولوگىيە مۇھىت بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى، تېز، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، سغىمى چوڭ، تەننەرقى تۆۋەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال قاتناش تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبىينىڭ ماس تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىش ۋە كاپالەتلىك شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش كەسىپلەرنىڭ ئالمىشىپ جېپسلىشىشى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرلىكتە تۈزەش بىرلىكتە بەرپا قىلىش ۋە بايلىقنى سەرخىل تەقسىملەش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر