باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودىسى

2014.11.26 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ 11-نويابىر مال سېتىۋېلىش بايرىمى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توردا مال سېتىۋېلىش كۈنىگە ئايلاندى، بۇ ئامېرىكىنىڭ «قارا رەڭلىك جۈمە» ۋە «توردىكى دۈشەنبە» قاتارلىق پائالىيەتلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. ماككىنسى مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2013-يىلى جۇڭگونىڭ تور ئىقتىسادى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4.4تىنى ئىگەللىگەن، بۇ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. جۇڭگونىڭ تور ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئىستېمال ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپلا قالماي، چەتئەل شىركەتلىرى ۋە بازارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  ئەمدىلا ئاياغلاشقان 11-نويابىردىكى باھا چۈشۈرۈش پائالىيىتىدە، ئىسپانىيەنىڭ ئىككى كىيىم كېچەك شىركىتى بىرىنچى قېتىم قاتنىشىپلا خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشتى، بۇ ئىسپانىيەدىكى كارخانىچىلارغا جۇڭگو بازىرىنى ئاچىدىغان قىسقا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگودىكى ئىسپانىيەلىك كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مارسېلو مۇنداق دېدى: ئىسپانىيەدىكى نۇرغۇن چوڭ سودا گۇرۇھلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە سېتىش نۇقتىلىرى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ پارچە سېتىش سوممىسىنى ئالىبابا شىركىتىنىڭ 11-نويابىردىكى «بويتاقلار بايرىمى»دىكى سېتىش ئىقتىدارى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئىسپانىيە كارخانىلىرى جۇڭگودا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئېلىكتىرونلۇق سودىغا قەدەم قويۇشى كېرەك.

  ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ قولايلىقلىقى تېخىمۇ كۆپ سېتىش مىقدارى ۋە تېخىمۇ كۆپ پايدا ياراتتى. تيەنماۋ خەلقئارا گۇرۇھى ئاۋىسترالىيە دۆلەت سارىيىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاۋ رۇڭجۈن مۇنداق دېدى: تور سودىسى ئەندىزىسى ئىشلەپ چىقارغۇچىدىن ئىستېمالچىلارغىچە بولغان ئوتتۇرىدىكى ھالقىنى زور دەرىجىدە ئازايتتى، سودا تەنەرخىنى تۆۋەنلەتتى، شۇڭا توردىكى باھا دۇكانلاردىكى باھادىن تۆۋەن بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودىگەرلەر مالنىڭ سۈپىتىنى مەنبەدىن ئاسانلا ياخشى كونترول قىلالايدۇ، ئىستېمالچىلارمۇ باھاسى مۇۋاپىق سۈپىتى ياخشى ماللارغا ئېرىشەلەيدۇ.

  17-نويابىر جۇڭگو ئاۋىسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ سۆھبىتى ماھىيەتلىك ئاياغلاشتى. جاۋ رۇڭجۈن سېتىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئىشەنچ باغلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋىسترالىيە دۆلەت سارىيى بۇ يىل 8-فېۋرال ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، سېتىش رېكورتى ئۈزۈلمەي يېڭىلىنىۋاتىدۇ. سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋسىترالىيەنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجى پەيدىن پەي كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، باھا ئىلگىرىكىدىن %10 ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى، جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلار بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىپلا قالماي، ئاۋىسترالىيەمۇ تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

  جۇڭگودىكى ئىسپانىيەلىك كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مارسېلو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تور ئىقتىسادى دۇنيادا ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ، بۇ ئىسپانىيە كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپلا قالماي، بىزگە ياخشى تەجرىبە ئۆگەتتى ۋە نۇرغۇن ئەقىل كۆرسەتتى. ئىسپانىيەدە تور مال سودىسىنىڭ تەرەققىياتى سەل ئاستا، ھازىر ئىسپانىيەدە يەرلىك ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسى يوق، ئىسپانىيە جۇڭگودىكى چوڭ تىپتىكى ئېلىكتىرونلۇق سودا تەجرىبىسىنى ئۆرنەك قىلىش كېرەك، ئىسپانىيە جۇڭگونىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودىنى ئىسپانىيە بازىرىغا كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ئالىبابا شىركىتى بۇ يىل «11-نويابىر»دىكى مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ 57 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. رېيتىر ئاگېنتلىقى بۇنىڭغا باھا بېرىپ، بۇ جۇڭگودىكى ئىستېمالچىلارنىڭ كۈچلۈك مال سېتىۋېلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بەردى، پارچە سېتىش ساھەسىنىڭ كالېندارىدا بۇ كۈن ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى، دېدى.

  بۇ يىل 19-سېنتەبىر نومۇرى «BABA» بولغان ئالىبابا شىركىتىنىڭ پېيى ئامېرىكا نيۇيورك ئاكسىيە بىرژىسىدا بازاغا سېلىنىپ، دۇنيادىكى كاپىتال بازىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسى دۇنيا تارىخىدا كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدىكى يېڭى رېكورتنى ياراتتى. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆزىمۇ ئالىبابا شىركىتىنىڭ ئارقىسىدىكى جۇڭگونىڭ زور تور ئىستېمال بازىرىغا چۈشتى.

  ئامېرىكا كاپىتال بازىرى تەتقىقات ئورنى شۇستېر شىركىتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى شۇستېر: جۇڭگونىڭ تور سودىسىنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن پارلاق، دېدى. بۇ يىل 7-ئايدا، ماككىنسى مەسلىھەت بېرىش شىركىتى ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئۆزگىرىشى» دوكلاتىدا ئېلىكتىرون ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگودا باش كۆتۈرىۋاتقانلىقى، 2013-يىلى جۇڭگونىڭ تور ئىقتىسادى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %4.4تىنى ئىگەللەپ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغانلىقى كۆرسىتىلدى. ماككىنسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلغا بارغاندا، تور سودىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە %22 تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر