باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىياۋنىڭ فۇشىن كانچىلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ھادىسە يۈز بەردى

2014.11.27 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىياۋنىڭ فۇشىن كانچىلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە 26-نويابىر ئەتىگەندە كۆمۈر توپىسىغا ئوت كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت ئالتىدە 26 كىشى قازا قىلدى، 52 كىشى يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە 18 كىشى ئېغىر يارىلاندى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە. 26- نويابىر كەچتە فۇشىن كانچىلىق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ خەيبىڭ كۆمۈر توپىسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئالتىدىن ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە بارلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاياغلاشتى دېيىلدى. ھازىر لياۋنىڭ ئۆلكىسى دوختۇرخانىلاردىكى توققۇز كۆيۈش يارىلىنىش بۆلۈمى، ئېغىر كېسەل بۆلۈمى دوختۇرىنى يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇشقا سەپلىدى. بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى، شاڭخەي رۈيجىن دوختۇرخانىسىنىڭ تۆت كەسپى دوختۇرىمۇ فۇشىنغا يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، فۇشىن كانچىلىق گۇرۇھى بىخەتەرلىك خىزمىتى يىغىنىنى جىددىي ئېچىپ، ھەر قايسى كان قۇدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى. ۋەقەنىڭ ئىلگىرى يۈز بەرگەن 1.6 بال يەر تەۋرەش بىلەن سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىنى ھادىسىنى بېكىتىش تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ جەزملەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر