باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشىدە 4 ئەمەلدار پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۇنجى قېتىم ئايال ئەمەلدارنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2014.11.27 11:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شيۇپىڭ، 49 ياش، سەنشى ئۆلكىسى شەنيىن ناھىيەسىدىن، پەلسەپە دوكتورى. سەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىشلىك كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان. 2013-يىل 4-ئايدىن باشلاپ جىنجۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 2014-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

  ياڭ شياۋبو، 43 ياش، سەنشى ئۆلكىسى ياڭچېڭ ناھىيەسىدىن، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە. گاۋپىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان. 2011-يىل 6-ئايدىن باشلاپ گاۋپىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان. 2014-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە سەنشى ئۆلكىسىدىكى تۆت ئەمەلدارنى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئايال ئەمەلدارنىڭ ماتېرىيالىغا «باشقىلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى. بۇ ئىككى ئايال ئەمەلدارنىڭ بىرى سەنشى ئۆلكىسى گاۋپىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياڭ شياۋبو، يەنە بىرى جىنجۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شيۇپىڭ. قالغان ئىككى ئەمەلدار سەنشى ئۆلكىسى ياڭچۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىن، سەنشى ئۆلكىسى جىنجۇڭ شەھىرى زېجوۋ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى چىن جيەنشياۋلار بولۇپ، بۇ تۆت ئەمەلدار پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر