- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لخاسا مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر بولۇپ باھالاندى
2014.11.28 14:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر لخاسادىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ لخاسا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، لخاسانىڭ دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى يېقىندا مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى.مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەرلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لخاسانىڭ دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالدى ھەمدە لخاسانىڭ غەربىي رايونلارنىڭ مۇھىت مۇھاپىزىتى ئۈچۈن داۋاملىق ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. (ليۇ خۇڭمىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر