باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكام ناھىيەسىدە 8-قېتىملىق 100 كۈنلىك مەيدان پالىيىتى باشلاندى

2014.11.26 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مەھەممەتجان روزى، ئابلىمىت ئابدۇخالىقلار خەۋىرى: پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 8-قىتىملىق يېزا-كەنت 100 كۈنلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پالىيەتلىرىنى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەيلى يىزىلىق مەدەنىيەت مەكىزىدە باشلىدى، پالىيەت كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۇنىگىچە ھەرقايسى يىزا-بازار، مەيدان، كەنت، مەھەللىلەردە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. سەيلى يىزىسى باش بولۇپ ۋالىبول، ۋاسكېتبول، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىش، كۈچ سىنىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش قاتارلىق پالىيەتلەر ئارقىلىق باشقا ئورۇنلارغا ئۈلگە كۆرسەتتى ھەم پالىيەتتە شەرەپ قۇچقان 45 ماھىرنى مۇكاپاتلىدى. پائالىيەتنى 1000 دىن ئارتۇق ئامما كۆردى. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 100 كۈنلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ تەشكىللەپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى مىللەتلەر ئىتىتپاقلىقىنى، مۇقىملىقنى قوغداش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارىشى تۇرۇپ ئىناقلىقنى كۈچەيتىش، زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر