باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپ ئۈچ دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2014.11.27 16:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاشكارىلىنىشىچە، جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى يېقىندا، ئاخبارات كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپ ئۈچ دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ۋە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  1 . 2011 – يىلى 7 – ئايدا، ‹‹غەربىي رايون ۋاقىت گېزىتى››نىڭ مۇخبىرى لى جىڭ گېزىتخانىنىڭ تەستىقىنى ئالماي، ئۆز مەيلىچە گەنسۇ ئۆلكىسى خېشۈي ناھىيەسىگە بېرىپ ‹‹زىيارەت قىلىش›› جەريانىدا، چىڭخەي – لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى خېشۈي بۆلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يەر تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشىنى باھانە قىلىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان ئورۇننى ئۆز ئارا قارشىلاشتۇرۇپ، سەلبىي خەۋەر يېزىشنى پىلانلاپ، خېشۈي ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ 130 مىڭ يۈەن پۇلىنى قاقتى – سوقتى قىلغان. 7 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، لى جىڭ قاتارلىقلار گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭچېڭ ناھىيەسىگە بېرىپ يەنە ئوخشاشلا سەلبىي خەۋەر يېزىشنى باناداپ تەھدىت قىلىپ، چىڭچېڭ ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 130 مىڭ يۈەن پۇلىنى قاقتى – سوقتى قىلماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، كېيىن يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانلارنىڭ 5000 يۈەن پۇلىنى قاقتى – سوقتى قىلغان، ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىدىن 5378 يۈەن قىممىتىدىكى بىر ئالتۇن زەنجىر ۋە ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدىن قىممەت باھالىق بەش كۆڭلەكنى قاقتى – سوقتى قىلغان.

  2 . جاڭجياكۇ گېزىتخانىسى2000 – يىلىدىن باشلاپ ھۆججەت چۈشۈرۈپ، مۇخبىرلار ۋە تەھرىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خىزمەتچىلەرگە ‹‹جاڭجياكۇ كەچلىك گېزىتى›› نى مەجبۇرىي تارقىتىش سېلىقىنى سالغان ھەم ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغانلارنىڭ ئىش ھەققىدىن بىر يىللىق گېزىت ھەققىنى تۇتۇۋېلىشنى بەلگىلىگەن. 2013 – يىلىنىڭ بېشىدا، جاڭجياكۇ گېزىتخانىسى ‹‹شەھەر قۇرۇلۇشى ئاخبارات بۆلۈمى››، ‹‹ئائىلە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بۆلۈمى››، ‹‹ئاپتوموبىل ئاخبارات بۆلۈمى›› قاتارلىق 13 ئاتالمىش ‹‹كەسپىي ئاخبارات بۆلۈمى››نى تەسىس قىلىپ، مۇخبىرلار، مۇھەررىرلەر بىلەن تىجارەتچىلەر ۋە كەسپىي ئىشلارنى ئارىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇپ، ‹‹مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك بىلەن تىجارەتنى قاتتىق ئايرىش››قا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان.

  3. 2008 – يىلىدىن 2011 – يىلىغىچە، ئەسلىدىكى ‹‹بۈگۈنكى ئۇچۇر گېزىتى›› (ھازىر ‹‹خەير – ساخاۋەت پاراۋانلىق گېزىتى››گە ئۆزگەرتىلدى)نىڭ مۇخبىرى گو خەيۋېن ئۆز مەيلىچە باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋۇچېڭ ناھىيەسى شاجۇڭ كەنتىدىكى قىسمەن ئاھالىنىڭ چېقىپ كۆچۈرۈشتىن پايدا ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن ھەم 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ‹‹ئىش بېجىرىپ بېرىش ھەققى›› ئالغان. 2011 – يىلى 5 – ئايدا، گو خەيۋېن ‹‹شاجۇڭ كەنت ئاھالىسى يەر تۆلىمىنى قاچان ئالالايدۇ›› دېگەن تېمىدا خەۋەر يېزىپ، ‹‹بۈگۈنكى ئۇچۇر گېزىتى››دە ئېلان قىلغان.

  يۇقىرىدىكى دېلو مىساللىرى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، تەھرىرلىرى بىلەن تىجارەتنى ئايرىماي، گېزىتخانا مۇخبىرلىرى ۋە تەھرىرلىرىگە گېزىتنى مەجبۇرىي تارقىتىش سېلىقىنى سېلىشقا؛ مۇخبىرنىڭ كەسىپتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا ‹‹ئىش›› بېجىرىپ بېرىپ ھەق ئېلىشىغا، بەزىلىرى جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوچۇق – ئاشكارا قاقتى – سوقتى قىلىشقا چېتىلىدۇ. بۇ قىلمىشلار بىردەك ئاخباراتچىلىقنىڭ قائىدە – نىزامى ۋە ئاخبارات كەسپىي ئەخلاقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ.

  ئاخبارات خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئاخباراتتىكى قاقتى – سوقتى قىلىش، ھەقلىق ئاخبارات، تىجارەت بىلەن مۇخبىرلىق، تەھرىرلىكنى ئايرىماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، كەسپىي روھنى ئاڭلىق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاخباراتنىڭ چىنلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرى ۋە ئاخبارات خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر