باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن يېقىندا بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلدى ۋە تەڭشىدى

بىكار قىلىنغان تەستىق تۈرلىرىنىڭ «سالمىقى» زور بولدى

2014.11.26 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن «بىر تۈركۈم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تەڭشەش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلىپ، 58 مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى بىكار قىلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈردى، 67 كەسپىي سالاھىيەت ئىجازىتى ۋە بېكىتىش ئىشىنى بىكار قىلدى، 19 باھالاش-ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش- تەقدىرلەش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاش ئالدۇرۇشتا ئالدىن تەستىقلىتىلىدىغان 82 تۈرنى تەڭشىدى ياكى كېيىن تەستىقلىتىشقا ئۆزگەرتتى. 25-چېسلا مۇخبىر بۇ قېتىمقى مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدە مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى زو دۇڭتاۋنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  زو دۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم بىكار قىلىنغان مەمۇرىي تەستىق تۈرى قاتارلىق ئىشلار ئۈچ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، «سالمىقى» زور. 58 تۈر ئىچىدە مەبلەغ سېلىش، كارخانا تىجارىتىگە چېتىلىدىغان تۈر 46 بولۇپ، %80نى ئىگىلەيدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە، پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار تۈر 12، مەسىلەن، «قەرز كارتىسى تارقىتىش ئۆلچىمى»؛ باجدا ئېتىبار بېرىش تۈرى 28، مەسىلەن، «ئىگىلىك تىكلىگەن، مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ سېلىش تاپاۋەت بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۆلچىمى» قاتارلىقلار. ئىككىنچىدىن، «بىكار قىلىنغان»لىرى كۆپ. بىۋاسىتە بىكار قىلىنغان تۈر 42 بولۇپ، %72نى ئىگىلەيدۇ. بازار مېخانىزمى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەڭشىگىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك بىكار قىلىنىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىشتەك قىممەت يۆنىلىشى تولۇق نامايان قىلىندى. ئۈچىنچىدىن، مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە تەۋە بولمىغان تۈرلەرنىڭ سالمىقى زور بولدى. مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە تەۋە بولمىغان تۈرلەرنى تەرتىپكە سېلىش بۇ يىللىق مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىندى. بۇ قېتىم بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرىگە تەۋە بولمىغان تۈر 25 بولۇپ، %43نى ئىگىلىدى. بۇ تەستىق باشقۇرۇشتىكى «كۈلرەڭ بەلباغ»نى تۈگىتىپ، «يان ئىشىك»نى تاقىۋېتىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر