باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەقىقىي ئەر، پۇتىنغا ئېھتىرام(1)

2014.11.26 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كورىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، پارك گۆنھىي پۇتىننى ئۇزاتقان ھەمدە ئۇنىڭغا كورىيەدە نەشىر قىلىنغان پۇتىننىڭ تەرجىمىھالى - « ئەگەر ياتلىق بولساڭ پۇتىندەك ئەرگە ياتلىق بول» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرغان. پۇتىن بۇنى كۆرگەندىن كېيىن باش لىڭشىتىپ : «شۇنداقمۇ؟» دېگەن. كەينىدىن پارك گۆنھىي يەنە بىر كىتابنى كۆرسىتىپ : بۇ كىتابنىڭ ئىسمى « پۇتىن، ئەرلەر ئىچىدىكى ئەركەك »دېگەن. پۇتىن خىجىل بولغان ھالدا « مېنى زاڭلىق قىلماڭ» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

  بىرىنچى، رۇسىيەنىڭ قايتا گۈللىنىش چۈشى.

  1. «ماڭا يىگىرمە يىل ۋاقىت بېرىڭ، مەن سىزگە مۆجىزىدەك رۇسىيەنى قايتۇرۇپ بېرىمەن».

  ئۈچ يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئۇلۇغ پېتىر شۇنداق دېگەن: ماڭا يىگىرمە يىل ۋاقىت بېرىڭ، مەن سىزگە يېپيېڭى رۇسىيەنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پۇتىن زۇڭتۇڭلۇق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا يۇقىرىقى مەردانە سۆزنى قىلغان.

  2. دۆلىتىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ماڭا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات.

  «مەن بىلىمەن، بەزى ئادەملەر تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ، بەزى ئادەملەر زەھەر چېكىشكە خۇمار بولۇپ قالىدۇ، بەزى ئادەملەر پۇلغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ھەممەيلەن ئەڭ چوڭ خۇمار ھوقۇققا مەستانە بولۇپ قېلىش دەيدۇ. مەن ئەزەلدىن ھوقۇققا مەستانە بولۇپ باقمىدىم، ئەزەلدىن ھېچقانداق نەرسىگە خۇمار بولۇپ باقمىدىم. ئەگەر تەڭرى ماڭا دۆلىتىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇدەك پۇرسەتنى بەرسە، مانا بۇ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات.»

  3. مەن يەلكەنلىك ياغاچ كېمىدىكى پالاق ئەشكۈچى قۇل.

  «ئىككى قېتىم مەن ئۈچۈن بېلەت تاشلاپ، مېنى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭى قىلىپ سايلىغان پۇقرالار، مەن بۇنىڭغا مۇناسىپ. بۇ سەككىز يىلدىن بېرى، مەن ياغاچ يەلكەنلىك كېمىدىكى پالاق ئەشكۈچى قۇلدەك ئالدىراش، ئەتىگەندىن كەچكىچە پۈتۈن زېھنىم بىلەن ئىشلىدىم.»- 2008-يىل پۇتىن كېرمىل سارىيىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى.

  4.سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىر تراگېدىيە.

  سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ يادرو كۈچى دۇنيانىڭ كۈچلۈك مۇقىملىق ئامىلى ئىدى. « سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىشى 20-ئەسىردىكى يەرلىك سىياسىدىكى بىر چوڭ ئاپەت، سوۋېت خەلقى ئۈچۈن بۇ بىر تراگېدىيە.»،« كىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشغا ئېچىنمىسا، شۇ بىر ۋىجدانسىز، كىم ئۆتكەن سوۋېت ئىتتىپاقنى ئەسلىگە كەلتۈرمە دەيدىكەن، شۇنىڭ كاللىسى ئىشلىمەيدۇ».

  ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى.

  1. «كىمكى ياۋاش -يۇمشاق بولسا شۇ يوقىتىلىدۇ».

  «زېمىن تالا-تارتىشىدا سۆھبەت يوق، پەقەت ئۇرۇش بار.» «ئورمان پرىنسىپى ئۇزاق مۇددەت كۈچكە ئىگە.»، «رۇسىيەنىڭ پەقەت ئىككى ئىتتىپاقدىشى بار- قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى.»، «ئەمەلىي كۈچى بولمىغان غەزەپلىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق !»

  2.بىڭسىڭ بولسا كېلىپ تارتىۋال.

  «رۇسىيەنىڭ زېمىنى گەرچە چوڭ بولسىمۇ بىراق بىر غېرىچمۇ ئارتۇق يېرى يوق». ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارالنى تەلەپ قىلىشىغا قارىتا، پۇتىن كۆزگە ئىلمىغاندەك مازاق قىلىپ «بىڭسىڭ بولسا كېلىپ تارتىۋال» دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر