باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپ ناھىيەسىدىكى 45 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر تولۇقلىما» سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى

2014.11.26 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلەت ئابدۇرېھىم خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپ ناھىيەسى «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر تولۇقلىما» سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تەلەپلەر بويىچە تارقىتىش ئوبيېكىتلىرىنىڭ شەرتىنى ئەستايىدىل دەلىللەپ، مەبلەغ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى يېزا نوپۇسىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا، مەبلەغنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە باشقا تۇرمۇش ياردەم پۇلى قىلىپ ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ نامرات، چەت رايونلاردىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان غەمخورلۇقىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

  «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر تولۇقلىما» سىياسىتى دۆلەتنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بولۇپ، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، لوپ ناھىيەسىدىكى 45 مىڭ 494 ئوقۇغۇچى بۇ سىياسەتتىن نەپ ئالدى. ئاپتونوم رايون ھەر يىلى ھەر بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 800 يۈەن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 600 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە پارچە چىقىم، ئوقۇش پۇلى ئاجراتتى. لوپ ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن، ھەر بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 90 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا 180 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە دەرسلىك كىتابلارنى يېزىلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ناھىيە مالىيەسى ھەر ئايدا نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنىڭ ياتاق ۋە باشقا تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن

  300 مىڭ 310 يۈەن تارقىتىپ، يېزا مەكتەپلىرىدكى نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم ئۆگىنىش شارائىتىغا ئېرىشتۈردى.

  ھاڭگىيا يېزىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئاماننىسا دۆلەت مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ئوقۇيدىغان دەرسلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، ئوقۇشىمىزمۇ ھەقسىز، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا رەھمەت، مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ۋەتەن، خەلققە ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر