باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن ئېفىيوپىيە خەلق ئىنقىلابىي دېموكراتىك فىرونتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2014.11.25 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دېمىك مىكونىن باشچىلىقىدىكى ئېفىيوپىيە خەلق ئىنقىلابىي دېموكراتىك فىرونتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئېفىيوپىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ئېفىيوپىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئەينەك قىلىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. بۇ يىل-جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن ئېفىيوپىيە خەلق ئىنقىلابىي دېموكراتىك فىرونتى مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، جۇڭگو ئىككى پارتىيەنىڭ ئالاقە مەزمۇنىنى ئۆزلۈكسىز تولۇقلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئېفىيوپىيە، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ليۇ يۈنشەن يەنە ئىلتىماسقا بىنائەن جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  دېمىك مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېفىيوپىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئەتراپلىق ئەمەلىي ھەمكارلىق ئەندىزىسى شەكىللەندى، ئېفىيوپىيە خەلق ئىنقىلابىي دېموكراتىك فىرونتى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن مېخانىزملاشقان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر