باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پىلانى

2014.11.25 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پىلانى تۈزۈلدى، بۇ بۇ مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىستېتى سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك ئىقتىسادشۇناسلىقى باش ئىجرائىيە پىروفىسسورى شۇ جيابىن بۇ قېتىمقى يىغننىڭ نەجىلىرىنىڭ ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  بىرىنچىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن سودا مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بايلىقتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بايلىق ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئائىلىسىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۆزلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ياراتتى. بۇ نەچچە مىليون كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ياراتقان ئىش ئورنى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن بۇ ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بايلىق ئۈستۈلۈكىنى جارى قىلدۇردى.

  ئىككىنچىدىن كەسىپ تاللاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا كەسىپ تاللاش ئىقدارىنى ئۆستۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلدى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پايدىلىق ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى قۇرۇلۇشى، كەسىپ ئىقتىدارىنى ئېچىش ۋە ياشىلارنىڭ ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلدى.

  ئۈچىنچىدىن باراۋەر مۇئامىلىگە ئىگە قىلىدۇ. بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ بىردەك بولۇشى كۈچەيتىلدى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قورۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش. تۈزۈم ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى. ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىساد سىياسىتى تۈزۈمىنىڭ يۆلىنىشى بىردەك بولسا ھەر قايسى ئەزالارنىڭ چېگرا سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىپلا قالماي، سودا مۇھىتىنىمۇ ياخشىلاپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئالاقىسىنىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ. بۇنداق بولسا ھەر قاسيى ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىكى ئىستېمالچىلار ئوخشاش باھالىق، ئوخشاش سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىلىنىپلا قالماي، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىكى ئىشلەپ چىقارغۇچىلارمۇ ئوخشاش رىقابەت مۇھىتىگە ئېرىشىدۇ، ئاساسىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشىدۇ.

  تۆتىنچىدىن ھاۋا سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ. بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇزۇندىن بېرى، قاتما ئېنېرگىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەپ كەلدى؛ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەر قايسى ئەزالار كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئېچىۋېتىلگەن، كەڭ قورساق، ھەمكارلىشىدىغان ھەم سىجىل بولغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش، قاتما ئېنېرگىيەدىن پاكىز ۋە يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن پايدىلىنىشقا ئېتىبار بېرىش، پاكىز كۆمۈر تېخنىكىسى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىت بولغۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  بەشىنچىدىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈلدى، «ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى بيېجىڭ خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى. بۇ ھەر قايسى ئەزالارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە خەلقئارا ئىلمىي ئۆلچەمنى ئىشلىتىشكە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزىمىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، رايوندىكى خەلقنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشتىن تارتىپ بازاغا سېلىنغۇچە بولغان ھەر قايسى ھالقىلىرى بىخەتەر بولغان يېمەكلىك ئىستېمال قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ خەلقىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئېتىزدىن تارتىپ داستىخانچىغە بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن ئالاقە راۋانلىشىدۇ. بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش پىلانى تۈزۈلدى، 2025-يىلدىن بۇرۇن ھەر قايسى ئەزالار دۆلەتلەر تەڭ بېكىتكەن تەشەببۇس ۋە ئۆلچەمنى تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، بۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلق، ئورگانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ. ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سودىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا رايوندىكى ئىستېمالچىلار ئەڭ تۆۋەن ئوبروت تەنەرخى، ئەڭ تېز سودا سۈرئىتى بىلەن مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىدۇ.

  يەتتىنچىدىن ساياھەت ئاددىيلىشىدۇ. ھازىر ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى خادىملار ئەڭ قولاي بولغان سودا ساياھەت ۋىزىسى ئىشلىتىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتا خادىملار ئالاقىسىنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش تەكىتلەندى. ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ساياھەت ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بوشىتىشىغا، ئىچكى قىسىمدىكى تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپى ۋە تەدبىرلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ خىل ساھايەت ۋىزىسىنى ئىشلىتىپ، 21 ئەزا دۆلەت ئارىسىدا ئەركىن يۈرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر