باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزۇ ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنى بويسۇندۇردى

2014.11.25 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داڭلىق بىر تاراتقۇنىڭ نوپۇزىنى چۈشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىكى خاتالىقىنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەش. ئەيىبلىگۈچىسىنىڭ نوپۇزى قانچە يۇقىرى بولسا ئۇنىڭ يوقىتىش كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى ئابې شىنزۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلغا ئۇستا. 20-نويابىر ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى تاراتقۇلارنىڭ خاتالىقى. ياپونىيەنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭ ئېيتىۋاتقىنى دەل ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى.

  ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى 1992-يىلى يوشىدا كىيوجىنىڭ ئىسپات سۆزىگە ئاساسەن، ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار تورىسىدا خەۋەر بەردى. كېيىن ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى يوشىدا كىيوجىنىڭ ئىسپات سۆزىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، خەۋىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلدى.

  ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاشكارا بايانات ئېلان قىلدى. بۇ ئىش ئانچە تەسىر قوزغىيالمىدى. لېكىن مۇشۇنداق تارىخقا چېتىلىدىغان ۋەقەلەر ھازىرقى دىپلوماتىيە مارىجىراسىدا ئىسپاتلىق رول ئوينايدۇ، بۇنى ئادەتتىكى مەسىلە دېگىلى بولمايدۇ.

  ئابې شىنزۇنىڭ ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشى مۇنداق مەنتىقىگە ئەمەل قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس: يەنى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەسلىدە جۇڭگو بىلەن كورىيە پايدىلىنىدىغان ئىسپات قىلىنسا بولىدۇ، ئۇنداقتا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىسپاتلار ساختا ئىسپات بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى بىر ساختا تېمىمۇ؟ ئېنىقكى ئابې شىنزۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللارنىڭ شەرەپسىز تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ئارقىلىق تارىخنى بۇرمىلاپ، جىنايى مەسئۇلىيىتىدىن قۇتۇلۇش غەرىزىدە بولماقتا.

  يالغۇز ئىسپات بولسا، ئابې شىنزۇ يامان نىيىتىگە يېتىدۇ. ھالبۇكى نۇرغۇن تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىسپات سۆزلىرى شۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدىكى ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولمايدىغان پاكىت، ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىمۇ ئالاقىدار قارارلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايى قىلمىشنى ئەيىبلىدى . ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايدا ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

  ئابې شىنزۇ بۇنىڭ تۇيۇق يول ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىپ تۇرۇپ جاھىللىق بىلەن ئىنكار قىلىشتىكى مەقسىتى-كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان ئاياللار مەسىلىسى خاتا خەۋەر قىلغانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش.

  ئۇرۇشتىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ تاراتقۇ ساھەسى، جامائەت پىكىرى ساھەسىدە ئوڭچىلار بىلەن سولچىلار قارشىلىشىش قېلىپى شەكىللەندى. يۇمۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى بىلەن سانكېي گېزىتى سىياسىي مەيدان جەھەتتە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئابې شىنزۇ ھاكىمىيىتىگە يېقىنچىلىق قىلدى، ئەمما ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى بولسا سولچى زىيالىيلارنىڭ بازىسى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ ۋىجدانى دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ئاممىۋىي ھوقۇققا نازارەت قىلىش رولىنى ئوينىدى. ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنى رەقىب دەپ قارايدىغان يۇمۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى بىلەن سانكېي گېزىتىمۇ ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىگە تەكەللۇپ قىلىپ كەلدى.

  ئابې شىنزۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، تەشۋىقاتنىڭ رولىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يۇمۇرى خەۋەرلىرى گېزىتى ۋە سانكېي گېزىتى بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەتنى ساقلاش بىلەن بىرگە سولچىNHK نىڭ پۇل ئاجرىتىش ھوقۇقى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى تېزدىن ئوڭچى جامائەت پىكىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان شەخسىي قورال قىلىپ ئۆزگەرتتى. ياپونىيەنىڭ سىياسىي مۇنبىرىدە مۇنداق گەپ-سۆزلەر تارقالدى: كىم NHKنى ئىگىلىسە شۇ دۆلەتنىڭ جامائەت پىكىرىنى يۆنىلىشىنى ئىگىلەيدۇ. ئابې شىنزۇ مۇشۇنداق مۇھىم تەشۋىقات قورالىنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرگەنلىكتىن تەبىئىيلا خورىكى ئۆسۈپ كەتتى، شۇڭا ئۇ باش ۋەزىرنىڭ سىياسىتىنى ھەر ۋاقىت تەنقىد قىلىپ تۇرىدىغان ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى يىغىشتۇرۇش غەرىزىدە بولدى. 11-سېنتەبىر ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى باش ئورگاندا كەم ئۇچرايدىغان مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خاتا خەۋەر بەرگەنلىكىدىن تازىم قىلىپ ئەپۇ سورىدى. سىتاژى ئۇزۇن تاراتقۇ خادىمى نوجىما تاكى ماقالىسىدا مۇنداق دېدى: ئۇرۇشتىن كېيىن تاراتقۇ تارىخىدا ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى مەغلۇپ بولدى، بۇ ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تاراتقۇ ساھەسى، جامائەت پىكىرى ساھەسىدىكى ئوڭچىلار بىلەن سولچىلارنىڭ قارشىلىشىش قېلىپىدا ئۆتكەنكى سولچىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭچىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شەك شۈبھىسىزكى ئابې شىنزۇ بىر مەيدان تاراتقۇلار ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلدى. ھالبۇكى بۇ دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. تاراتقۇلارنىڭ ئاممىۋىي ھوقۇقنى تەنقىدلەش ئىقتىدارى قالمىدى، ئابې شىنزۇ تېخىمۇ ئۆز بىلگىنىچە ئىش قالىدىغان بولۇپ كېتەمدۇ قانداق؟

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر