خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئۆلكىسى شەھەرلىك تۆمۈر يول ج خ باشقارمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، باۋتۇ تۆمۈر يول ساقچى تەرەپ ئۈچ ئايغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، سەنشى، خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن، يۈننەن 5 ئۆلكىنى ئايلىنىپ، 10مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، دۆلەت ھالقىغان ئالاھىدە زور ئاياللارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، بىرمىدىن دۆلىتىمىزگە ئاياللارنى ئالداپ ئېلىپ كېلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئالداپ سېتىش شايكىسىدىن بىرنى بىتچىت قىلدى، جىنايەت گۇماندارىدىن 31 كىشى تۇتۇلدى، ئالدانغان 14 ئايال (بىرمىلىق 11 كىشى) قۇتقۇزۇۋېلىندى، چېتىشلىق سومما بىر مىليون 925 مىڭ يۈەن بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى