خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-نويابىر، بىز شىنجاڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سارشوقې يېزىسىدىكى 71 ياشلىق شەرىپقان ئائىلىسىگە بوۋاينى ۋە ئۇ كۆندۈرگەن بۈركۈتنى كۆرگىلى كەلدۇق. شەرىپقان بوۋاي بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن بولسمۇ ئىنتايىن تېتىك ئىكەن. ھاۋا ئىللىغان چاغلاردا ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بۈركۈتنى بىلىكىگە قوندۇرۇپ مەھەللىدىكى باشقا مويىسپىتلار بىلەن بۈركۈت كۆندۈرۈش تەجرىبىلىرى ۋە تېخنىكىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. ھاۋا ناچار كۈنلەردە بولسا شەرىپقان بوۋاي ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى بۇغدايلىقتا بۈركۈت كۆندۈرىدىكەن.
شەرىپقان بوۋاي بۇ يەردىكى بۈركۈت كۆندۈرگۈچىلەر جەمەتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تارقىتىپ بەرگەن بۈركۈت كۆندۈرۈش كىنىشكىسى بار. بۈركۈت كۆندۈرۈش، بۈركۈت بېقىش بۇ بوۋاينىڭ بىر ئۆمۈرلۈك قىزىقىشى بولۇپ، ياش چاغلىرىدا، بوۋاي كۆندۈرگەن بۈركۈتى ئوۋلىغان توشقان، قىرغاۋۇل، تۈلكە، بۆرە قاتارلىق ئوۋلارنى ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان.
ھازىر ھۆكۈمىتىمىز ئېكولوگىيەنى، ئوتلاقنى قوغداش ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاشنى چەكلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشمۇ ياخشىلانغانلىقتىن، ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن بۈركۈت كۆندۈرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، بىراق ئۇ بۈركۈت بېقىش ۋە كۆندۈرۈشنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئازراقمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ئوۋ ئوۋلاش چەكلەنگەنلىكتىن، كۆندرۈلگەن بۈركۈتنى ئۆيدە بېقىشقا توغرا كىلىدۇ. بىراق يېتىلگەن موزايدەك يوغان بۈركۈتنىڭ ئىشتىھاسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆشلا يەيدىغان بولغانلىقتىن چىقىمى بەك ئېغىر، شۇڭا شەرىپقان بوۋاي بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان كىچىك بۈركۈت تۇتۇپ كېلىپ، يېتىلگەن چوڭ بۈركۈتنى تاغقا قۇيۇپ بەرگەن، كىچىك بۈركۈتمۇ يېتىلگەندە ئۇنىمۇ قويۇپ قويۇپ بېرىپ يەنە كىچىك بۈركۈت تۇتۇپ كېلىپ كۆندۈرىدىكەن...بىز بۇلتۇر كۆرگەن چوڭ بۈركۈت قۇيۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم كۆرگىنىمىز 10 كىلوگرام كېلىدىغان كىچىك بۈركۈت بولدى.