باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مايۈن ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى

2014.11.25 11:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالى بابادا شىنجاڭ ئۈچۈن كەينى ـ كەينىدىن ئۈچ ساراي ئېچىلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىمىز، كۆپچىلىكنى بىيىتىمىز. ئولتۇرغان ھەر بىر ئادەم، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر بىر ئادەم، پەقەت بىز بىيىغاندىلا، شىنجاڭ ئاندىن بىيىيدۇ! پەقەت بىز تېخىمۇ تىرىشقاندىلا، شىنجاڭدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلار گۈزەل تۇرمۇشقا ئىگە بولىدۇ! پەقەت بىز تېخىمۇ تىرشقاندا، خېرىدارىمىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا بۇ يەردە دۇنياغا داڭلىق بولغان شىنجاڭلىق كارخانىچىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

  24-نويابىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالى بابا گۇرۇھى بىرلىكتە باش بولغان 2014-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى شۇنداقلا شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى تەرەققىياتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگودىكى تۇنجى باي، ئالى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مايۈن يىغىندا ھاياجانلىق نوتۇق سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى تاۋباۋ، تيەنماۋ تورىدا تور دۇكىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا سېتىپ، تېخىمۇ كۆپ بولغان دېھقان ـ چارۋىچىلارنى ئورتاق بېيىشقا چاقىرىق قىلدى.

  شۇ كۈنكى تۇنۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالى بابا «1688 شىنجاڭ سارىيى» شۇنداقلا تاۋباۋ تورىنىڭ ئۆزگىچە جۇڭگو «ئىلى سارىيى»، «قەشقەر سارىيى» رەسمىي ئېچىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تاۋباۋ تورىنىڭ ئۆزگىچە جۇڭگو «ئاقسۇ سارىيى»مۇ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر