باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى تەبىرىكلەندى(1)

2014.11.15 16:16   مەنبە: خەلق تورى

تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى تەبىرىكلەندى(1)

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ توي خوشاللىقىغا چۆمدى. ۋىلايەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، پىنسىيەگە چىققان مائارىپ خىزمەتچىلىرى، مەكتەپداشلار، قېرىنداش مەكتەپ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تەبىرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيىت، ۋىلايەتلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ باۋشىڭ ۋە ۋىلايەت مائارىپ سېستىمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 1944-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2000-يىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىشىپ چىقارغان (2000) 145-نۇمۇرلۇق ھۆجىتتىگە ئاساسەن ياتاقلىق ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. مەكتەپ 70يىللىق ئوقۇتۇش تارىخىدا مەكتەپ كۆلىمى 47227 كۋادىرات مېتىرغا ، ياتاق كۆلىمى 27543 كۋادىرات مېتىرغا تەرەققىي قىلغان ، ھازىر مەكتەپتە جەمئىي 232 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالىي ئوقۇتقۇچى 2، ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 35، 1-دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى 100نەپەر بولۇپ جەمئىي 50سىنىپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە قوش تىل سىنىپتىن 26سى بار بولۇپ جەمئىي 3500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەلا، ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى ئىلغار ، « ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەم تەربىيەلەش ئارقىلىق باشقۇرۇش» نى تۈپ نىشان قىلىپ ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى %95تىن ئاشۇرماقتا.مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن دۆلەتلىك كادىرلار بۆلۈمى، مائارىپ بۆلۈمى تەرپىدىن «مەملىكەتلىك مائارىپ سېستىمىسىدىكى ئىلغار ئورۇن»؛ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «8-مارت قىزىل بايراقدارى»؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەربىيەلەشتىكى نىشانلىق مەكتەپ» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيىت مۇراسىمدا تەبىرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى:« ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبىرىكلەش ھارپىسىدا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەمدە مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز ۋە ھەر قايسىڭلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز. 70يىلدىن بۇيان ، بولۇپمۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 65 يىل مابەينىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەچچە قارار رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى مەرىپەت مەشئىلىنى دەۋىردىن دەۋىرگە يەتكۈزۈپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باشتىن-ئاخىر سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆلىنىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن لاياقەتلىك قۇرغۇچىلارنى يىتىشتۈرۈپ بەردى. مەكتىپىڭلارنىڭ 70 يىللىق تەبىرىكلەش مەرىكىسىنى يېڭى پۇرسەت بىلىپ، ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ؛ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بۈيۈك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ؛ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزلىكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ؛ تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى توختاۋسىز ئۆستۈرۈپ؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزاققىچە ئامان-ئېسەن بولۇشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ئۈچۈن، تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭلارغا تىلەكداشمىز».

  تەبىرىكلەش مۇراسىمىدا ۋىلايەت رەھبەرلىرى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى ياشلىق باھارىنى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەۋلاد تەربىيلەلەشتەك شەرەپلىك خىزمەت ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ پىنسىيەگە چىققان جاپاكەش باغۋەنلەرگە شەرەپنامە تارقىتىپ بەردى ۋە ئىلىم-مەرىپەت سېپىگە يېڭىدىن قوشۇلغان ئوقۇتقۇچىلار پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا گۈل تەغدىم قىلدى. شۇنداقلا مائارىپ، ئىلىم-مەرىپەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇلىنىپ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئۇلارنى چوڭقۇر تەشەككۈرىنى ۋە ئوتلۇق سېغىنىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

  ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيىت مۇنداق دېدى:« مەن ئالدى بىلەن مەكتەپنىڭ 70 يىللىق قۇتلۇق كۈنىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 70 يىل مابەينىدە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يېڭى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى، خەلق رازى بولغان مائارىپ بەرپا قىلىش، مائارىپتا كۈچلۈك رايون قۇرۇپ چىقىش، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىگە ئايلاندى. مەن مەكتەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە تېخىمۇ شانلىق نەتىنجىلەر نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزگە، جەمئىيىتىمىزگە ياراملىق ئەۋلادلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ توللۇق 1-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى نەفىسە مەخمۇت مۇنداق دېدى:« مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن ئىتتىپاقلىق ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، مەسلەن پاراتتىن ئۆتۈشنى ئېلىپ ئېيتساق ساۋاقداشلار ئىتتىپاقلاشمىغاندا بىرىمىزنىڭ پۇت-قولى كېيىن قالسىلا بارلىق نەتىنجىلەر يوق بولىدۇ، سىنىپىمىز ئىتتىپاقلاشقاشقىلا ناھايىتى رەتلىك ھالەتتە رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىن غەلبىلىك ئۆتتۇق. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى ۋە تىرىشچانلىقى بولغاچقىلا بۈگۈنكىدەك شانلىق نەتىنجىلەر قولغا كەلگەن، بىزگە مۇشۇنداق ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتىنى يارىتىپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. بۈگۈن مەكتەپنىڭ 70 يىللىق قۇتلۇق تويىغا قاتنىشىپلا قالماستىن يەنە نۇمۇر كۆرسىتەلىگەنلىكىمدىن ئۆزەمنى ناھايىتى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىنجىلىرىم بىلەن ئانا مەكتىپىمگە جاۋاپ قايتۇرىمەن».

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…
      ·شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟  
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەتتە خىل قىلمىشى چەكلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى توغرىسىدا «قىزىل يەتتە بەلگىلىمە»نى چىقاردى
      ·ئاستانا مۆرىسىدىكى گۈزەل رومال ـــ ئېسىل دەرياسى(1)
      ·تۈركمەن گۈزەللىرى(1)