خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-نۇيابر،جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېشىڭ شەھرى خەيكو بازىرى خەيكو كەنتىدىكى ئامما شۇيەردىكى مىڭ يىللىق قەدىمكى كامفورا دەرىخىنىڭ كاۋىكى ئىچىدە ئۈستەل قويۇپ ماجياڭ ئوينىدى. ئىگىلىنىشچە، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ دېشىڭ شەھرى خەيكو بازىرى خەيكو كەنتىدىكى بۇ 1800 نەچچە ياشقا كىرگەن چوڭ كامفورا دەرىخىنىڭ ئايلانمىسى 23 مېتر، ئېگىزلىكى 20 مېتر، دەرەخ باراخسى 35 مېترگە يىتىدىكەن،دەرەخنى 16 چوڭ ئادەم قۇچاقلىغاندا ئاران ئورىيالايدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى