20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنى 15-نويابىر ئاۋسترالىيەنىڭ برىسباندا ئۆتكۈزۈلدى. «ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش» بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى 1-باسقۇچلۇق يىغىندا، دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، دۇنيا ئىقتىسادى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى، بىراق ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ئانچە كۈچلۈك بولمىدى، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا يەنىلا خەتەر ساقلانماقتا، خەلقئارا سودا يەنىلا تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرماقتا. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىمىز، ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەتنى تەڭشەپ، تەرەققىياتدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ، ئىقتىسادى خەۋپنى ئازايتىپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشنى، پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىنى، سودىنىڭ تەرەققىياتىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتىكى تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى.
1. تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر تەرەققىيات قارشى، سىياسىتى، ئۇسۇلى، بولۇپمۇ مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، رىقابەتلىشىش، سودا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى قۇرۇلما ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەت بىلەن ئىجتىمائىي سىياسەتنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، بايلىق يارىتىشنىڭ ھاياتى كۈچىنى تەڭ ئۇرغۇتۇپ، بازارنىڭ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. بىز، ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەر شارى ئاساسىي مۇئەسسەسە مەركىزىنى قۇرۇشىنى، دۇنيا بانكىسىنىڭ يەر شارى ئاساسى مۇئەسسەسە فوندى تەسىس قىلىشنى قوللايدۇ ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى، 21- ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى ، ئاسىيا ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق پۈتكۈل يەر شارى ئاساسىي مۇئەسسئەسسە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى قوللايدۇ.
2. ئېچىۋىتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش، ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان يەر شارى قىممەت زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارى چوڭ بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھامىيچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، دەۋھە ھەمكارلىق سۆھبىتىگە تۇرتكە بولۇشى كېرەك.
3. يەر شارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئادىل، كەڭ قورساق، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى بىلەن سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادى ھەمكارلىقتىكى ھوقۇق باراۋەرلىكىگە، پۇرسەت باراۋەرلىكىگە، قائىدە جەھەتتىكى باراۋەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئالاھىدە ئۆلچەمنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىن پىڭ ئاخىردا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بىلەن تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، مەنپەئەتى ئۆز ئارا بىرىكىدىغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستا ھەمدە تەڭپۇڭ ئەمەس، ھەر قايسى ئىقتىسادى گەۋدىلەر بىر نىيەتتە تىرىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچىيىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشى، تەڭپۇڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، رايون داۋالغۇشىغا، ئىبولا يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى يولۇقۇۋاتقان خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياسىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۇرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي مۇزاكىرە يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، يىغىندا، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش برىسبان باياناتىنى ماقۇللىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قوشقان زور تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئېيتىلدى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىبولا يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش مۇراجەت قىلىندى.