باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسى ئېتىز-ئېرىق،سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سېلىمنىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى

2014.11.17 10:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ يىل قىش پەسىللىك ئارىسالدى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى ماشىنا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش ۋە سۇ تېجەپ سۇغۇرۇشقا قۇلايسىز، بىر قىسىم رەتسىز تېرىلغۇ يەرلەرنى سالالاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تىپىدىكى تېرىلغۇ ئېتىزى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ، 11-ئاي كىرگەندىن بۇيان بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىدى.

  بۇ ناھىيەنىڭ ئاچچىق يېزىسى بۇ يىل قىش 1500 مودىن ئارتۇق رەتسىز تېرىلغۇ يەرنى تۈزلەپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ يېزىنىڭ ھەسەن تېمى كەنتىدىكى 12 يۈرۈش يەر تۈزلەش، توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى تۈزلەپ سالالاشتۇرۇش ۋە ئېرىق چېپىش مەشخۇلاتىدىن سۆيۈنۈپ تۇرغان دېھقان ئابدۇكىرىم خۇدابەردى مۇنداق دېدى: مېنىڭ مۇشۇ مەيداندا يەتتە مو تېرىلغۇ يېرىم بار ئىدى، يەرلەر رەتسىز بولغانلىقتىن بىر تۇتاش تېرىقچىلىق قىلىش، تېمىتىپ سۇغۇرىش، باشقۇرۇش،يىغىۋېلىش جەھەتتە قىيىنچىلىق بولغاندىن باشقا،بۇ جەھەتتىكى چىقىملىرىمىز ئېشىپ كەتكەن. دېھقانلار بىرلىشىپ سالالاشتۇرۇشنى ئويلىغان بولساقمۇ مەبلەغ يېتىشتۈرەلمەي شۇ پېتى قالغان ئىدى. مانا ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن بۇ قىيىنچىلىقىمىز ھەل بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.

  يوپۇرغا ناھىيەسى 2010-يىلدىن بۇيان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز-ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ناھىيە مالىيەسىدىن يانداشتۇرۇپ مەبلەغ چىقىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، 570 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 199.7 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى غول ۋە تارماق ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەسلەشتۈردى ھەم سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتتى. 108 مىڭ 650 كۆلەمدىكى رەتسىز تېرىلغۇ يەرلەرنى سالالاشتۇرۇپ ئوتتۇرا، تۆۋەن ھۇسۇللۇق يەرلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. 280 مىڭ 700 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى يوقۇرى ئۈنۈملۈك تېمىتىپ سۇغۇرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 780 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يېزا ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ،30 مىڭ 600 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ بەردى. يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر