باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۈنەردىن يول تاپقان قىز(1)

(زىيارەت خاتىرىسى)

2014.11.17 10:24   مەنبە: خەلق تورى

ھۈنەردىن يول تاپقان قىز(1)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى: بۇ يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى،يەرلىك باج ئىدارىسى مۇلازىمەت زالىغا «يوپۇرغا بىلىقىز كەشتىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى»نىڭ ئايلىق باج مەلۇمات ئىشىنى بىجىرگىلى كەلگەن كوپراتىپ مەسئۇلى بىلىقىز سايىم بىلەن بىر ئاز پاراڭلىشىش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر سودىگەر بۇيرۇتقان ياستۇق قېپى كەشتىلەش ئىشىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىشلىرىنىڭ خېلى ئوبدان يۈرۈشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر جۈپ چېۋەر قولىغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان بىلىقىز سايىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن،11-ئاينىڭ 9-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يېڭى شەھەر رايۇنى يول بويىغا جايلاشقان «بىلىقىز كەشتىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى»غا باردىم. 200 كۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى بىر ئېغىز ئۆينىڭ شەرق-جەنۇپ تەرىپىگە تىزىلغان تەربىيەلەش ئۈستىلىدە 20 دەك قىز-ئايال ئىككى رەت ئولتۇرۇپ ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن قولىدا ھەر خىل نۇسخىدا ياستۇق قېپى كەشتىلەۋاتاتتى. ئۆينىڭ غەرىپ ۋە شىمالىي تېمىنى بويلىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى يۈرۈش كەشتە تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئەتراپىدا يەنە 10 دەك قىز-ئايال چەبدەسلىك بىلەن مەشخۇلات قىلىۋاتاتتى.

  ــــ بۇ ئىككى قىز كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئورنىمىزغا بۈگۈن كەلگەن، كەشتە تىكىش ماشىنىسىنىڭ بەزى بىر مۇھىم تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىۋاتىمەن،ــــ دېدى بىلىقىز سايىم بىر خىل رېتىمدا يىڭنە ئۇرۇپ قومۇل نۇسخىسىدا كەشتە ئىشلەۋاتقان تىكىش ماشىنىسىنىڭ ھەركىتىگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرغان ئىككى قىزنى كۆرسىتىپ،ـــــ بۇلارنىڭ بىرى تېرىم يېزىسىدىن،يەنە بىرى يەكشەنبە بازار يېزىسىدىن كەلگەن دېھقان قىزلىرى.

  بىلىقىز سايىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا ئۇ قەشقەر «گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسى» دە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە قول ھۈنەر-سەنئەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىگە بىر يۈرۈش كەشتىلىك بويۇملارنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئىنتايىن سىپتا، سۈپەتلىك ئىشلىنىپ، چېۋەر قوللارنىڭ ئىزناسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرغان تۈرلۈك كەشتە بويۇملىرى بۇ ساھەدىكى سودىگەرلەرنى قىزىقتۇرۇپ، ئۈرۈمچىلىك بىر سودىگەر بىلەن 100 جۈپ ياستۇق قېپىنى 8 خىل گۈل نۇسخىسىدا كەشتىلەپ بىرىش ھەققىدە كىلىشىم تۈزۈش پۈرسىتىگە ئېرىشىپتۇ.

  ــــ 50 جۈپ ياستۇق قېپىنى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەۋەتىپ بەرگەن، بازىرى ئوبدان بولىۋاتامدۇ-قانداق، يەنە قالغان 50 جۈپنىمۇ تېزراق ئەۋەتىپ بەرسەڭلار،دەپ تېلېفۇن قىلىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكى ئىش-ئەمگەكتىن قولى بوشىغان كوپراتىپنىڭ بىر قسىم ئەزالىرىنى بۇ يەرگە يىغدىم، ئائىلىسىدە كەشتىلەش پۈرسىتى بار قىز-ئاياللارنىڭ قولىغا كەشتە رەختىنى تۇتقۇزدۇم، ھازىر شۇ سودىگەرنىڭ بۇيرۇتقان ئىشىنىڭ داۋامىنى قىلىۋاتىمىز، ــــ دېدى بىلىقىز سايىم ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن.

  بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن، ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىدىن ئىشەنچ، ئىرادە،چېچەن-چېۋەرلىكنى كۆرىۋالغىلى بولىدىغان بىلىقىز سايىم كەشتىچىلىك ھەققىدىكى ئەستىلىك جەريانلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

  ــــ ئانام پاشاخان يىڭنە ئىشىغا ئېپى بار،كەشتىچىلىككە ماھىر ئائىلە ئايالى ئىدى. شۇ خىل ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ كىچىگىمدىن كەشتىچىلىككە قىزىقىپ،ئانامغا يارىدەملىشىپ ھەر خىل كەشتىلەرنى ئانچە-مۇنچە ئۆزۈم قول سېلىپ ئىشلەپ بۇ جەھەتتە خېلى پىشىپ قالدىم. تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىنمۇ پۈرسەت تاپساملا ھەر خىل كەشتىلەرنى ئىشلەپ، ئۆي ئىچىنى زىننەتلاپ تۇردۇم. ئويلىمىغان يەردىن ئورگان ئىسلاھاتى تۈپەيلى 2002-يىلى ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسىدىكى ئىش ئورنۇمدىن ئايرىلىپ، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئۈچ-تۆت ئاي بىكار يۈرۈپ قالدىم. ئاخىرى ئۆزۈم قىزىقىدىغان، قولۇمدىن كېلىدىغان مۇشۇ كەشتىچىلىك ئارقىلىق ئىش ئورنۇمنى ھەل قىلىش، چىقىش يولى تېپىش قارارىغا كېلىپ، بۇ پىكىرىمنى يولدىشىمغا دېسەم ئۇ دەسلەپتە قوشۇلمىدى، مەنمۇ جاھىللىقىم بىلەن ئۆز پىكىرىمدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئاخىرى قايىل قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىش ئورنۇمدىن قالغاندا ھۆكۈمەتتىن بەرگەن 4000 يۈەن ئىش ئورنى تولۇقلىما پۇلىنىڭ بىر قىسىمىغا كىچىككىنە بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئالدىم، يەنە بىر قىسىمىغا كەشتىچىلىككە ئىشلىتىشكە رەخت سېتىۋالدىم، ئۇنىڭدىن باشقا شۇ مەزگىللەردە ئائىلەمدە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەپ تەييارلىغان 15 پارچىدەك يوتقان قېپى، ياستۇق قېپى، داستىخان ۋە ياپقۇچ قاتارلىقلارنى دۇكانغا ئېسىپ، تىجارىتىمنى باشلىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن كەشتىچىلىك دۇكىنى ئاچقانلىقىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ، خېرىدار كۆپەيتىش ئۈچۈن ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستاسسىدا كەشتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىم ھەم شاگرت قىز-ئاياللارنى قوبۇل قىلىپ ھەقسىز تەربىيەلەيدىغانلىقىم ھەققىدە ئېلان بەردىم. بۇنىڭ خېلى ئوبدان ئۈنۈمى بولدى، بىر ھەپتىگە قالمايلا دۇكىنىم كېلىپ- كېتىپ تۇرىدىغان خېرىدار قىز-ئاياللار ۋە كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن 20 دەك قىز-ئاياللار بىلەن ئىنتايىن ئاۋاتلىشىپ كەتتى. تەلىيىمگە جاھىللىق، تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تۇتۇش قىلغان ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، دۇكاننى ئېچىپ بىر ئاي بولا-بولماي دەسمايە قىلغان 4000 يۈەن پۇلنى ئۆيگە ئەكىرىپ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا ئاغزىدا قوشۇلغان بىلەن كۆڭلىدە دۇكانغا سالغان دەسمايىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن يولدىشىمنى تەسىرلەندۈردىم. شۇنىڭ بىلەن يولدىشىم ئېھتىيات ئۈچۈن بانكىدا قويغان 5000 يۈەن پۇلىمىزنىمۇ ماڭا دەسمايە قىلىشقا بىرىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە كەسپىمنى قوللىدى. مانا ئەمدى ئازغىنە كەم 10 مىڭ يۈەن دەسمايە بىلەن ئىش باشلىغان كىچىككىنە دۇكاننى ئون نەچچە يىل جاپالىق تىرىشىپ يۈرۈپ بۇ يىلغا كەلگەندە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى، يارىدىمى بىلەن ئومۇمىي مەبلىغىم 1 مىليۇن يۈەندىن، يىللىق كىرىمىم 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم، ـــــ بىلىقىز سايىم سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە، دۇكان ئىچىگە ئىككى ئايال خېرىدار كىرىپ،سۆھبىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. بىلىقىز سايىم ئۇلارنى سېتىش رايۇنىغا نۇسخا كۆرسىتىش سۈپىتىدە تىزىپ قويغان كەشتىلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىردى ۋە كەشتە بويۇملىرىنىڭ نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.

  ــــ ماۋۇ قولدا ئىشلىگەن قىزىلگۈل، مودەنگۈل، بادام گۈل،ئەتىر گۈل، رۇخسارگۈل، چايگۈل نۇسخىسىدىكى ياستۇق قېپى،مانا ماۋۇ زاۋۇتتا ئىشلىگەن ياستۇق قېپى،تەكىيىلىك قېپى...

  مەن ئۇلارنىڭ سودىسى پۈتكۈچە بولغان ئارىلىقتا،ياستۇق قېپى كەشتىلەۋاتقان قىز- ئاياللارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ماھىرلىق بىلەن كەشتىگە يىڭنە سانجىۋاتقان تۇخان ئېلى ئىسىملىك بىلىقىز سايىم بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر ئايالدىن ئەھۋال ئىگەللىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ بۇ ناھىيەنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىن بولۇپ، بۇ كەشتىچىلىك ئورنىدا ھەر ئايدا 2800 يۈەندىن ئىش ھەققى ئېلىپ مۇقىم ئىشلەۋاتقىلى ئىككى يىلدەك بولۇپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،300 يۈەن قاتناش كىرا پۇلى بىرىلىدىكەن.

  ــــ بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئىشلەيدىغانلارمۇ قانداق؟ــــ سورىدىم مەن خېرىدار ئاياللارنى ماشىنىدا ئىشلىگەن ھەلەم كەشتە بىلەن يولغا سېلىۋېتىپ بىكار بولغان بىلىقىز سايىمدىن، ئىشلەۋاتقان قىز-ئاياللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  ــــ ئۇنداق ئەمەس،مۇقىم ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلەيدىغانلاردىن 6 ئايال بار،ئۇلارنىڭ تېخنىك سەۋىيەسىگە قاراپ 2100 يۈەندىن 3200 يۈەنگىچە مۇقىم ئىش ھەققى يەنە مەلۇم نىسبەتتە قاتناش ھەققى بىرىمەن. قالغانلار پۈتكۈزگەن ئىشىغا قاراپ ھەق ئالىدىغان ئاياللار. ھازىرقىدەك جىددىي ۋاقىتلاردا بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەنلەرگە بىر جۈپ ياستۇق كەشتىسى ئۈچۈن 140 يۈەندىن، ئۆيىدە كەشتىلەپ ئەكەلگەنلەرگە 90 يۈەندىن ئىش ھەققى بىرىمەن.

  بىلىقىز سايىم بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى كەشتىچىلىككە قىزىقىدىغان 200 دىن ئارتۇق ئايالغا كەشتىچىلىكنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئارسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ كەشتە تىكىپ كىرىمىنى ئاشۇرىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلار ئىچىدىن ئىنچىكە، پۇختا، سۈپەتلىك ئىش قىلىدىكەن دەپ قارىغان 60 تىن ئارتۇق ئايالنى ئۆزىنىڭ دائىملىق ئەزاسى قىلىپ يېتەكلەپ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ،ئۇلارغا مۇقىم چىقىش يولى تېپىپ بىرىپتۇ.

  بىلىقىز سايىمنىڭ پاتىگۈل ساتتار ئىسىملىك بىر شاگىرتى مۇنداق دېدى: مەن بۇ ناھىيەنىڭ يەكشەنبە بازار يېزىسىدىن، بىلىقىز ئۇستامدىن كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىۋالغان يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەپ، ئايدا ئاز بولغاندىمۇ 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمەن.

  ــــ قولدا ئىشلىگەن كەشتە بىلەن زاۋۇتتا ئىشلىگەن كەشتىنىڭ بازار ئېھتىياجى ۋە سېتىلىش ئەھۋالىدا پەرق چوڭمۇ؟ــــ سورىدىم مەن بىلىقىز سايىمدىن.

  ــــ ھەر ئىككى تۈرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، قىممىتى بولغاچقا، پەرق ئانچە چوڭ ئەمەس. كەشتىچىلىك زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگىلى بىر ئايدىن ئاشتى، شۇندىن بۇيان قارا دۇخاۋا، مەخمەل رەختلىرىگە كۆرپە تېشى، ياستۇق قېپى، تەكىيىلىك، كانىۋاي قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر سودىگەر بىلەن توختامشىلىپ،شۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ بىرىۋاتىمىز.

  بىلىقىز سايىم كەشتىچىلىك دۇكىنىنى ئاچقاندىن تارتىپ يېقىنقى مەزگىلگىچە، خېرىدارلار قانداق نۇسخا،قانداق شەكىلدە ئىش بۇيرۇتسا،ئۆز قەرەلدە پۈتكۈزۈپ بىرىپ ئىشەنچ تېپىپتۇ. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھەر خىل نۇسخىلاردىكى كەشتىلىك بويۇملارنى ئالدىن ئىشلەپ سېتىش رايۇنىغا تەخلەپ قويىدىغان شارائىتنى ھازىرلاپ، خېرىدارلارنىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان گۈل ۋە باشقا نۇسخىلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپتۇ. خېرىدارلارنى سۈپەت،ۋاقىت،باھا جەھەتتە رازى قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سودىدا ئىناۋەت تىكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپتۇ.

  بىلىقىز سايىم كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا يەنە، ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ۋە ھەر دەرىجىلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ 2012-يىلى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەشتىچىلىك تېخنىك ئۈنىۋانىغا ئېرىشىپتۇ. كەشتىچىلىك ئورنى شۇنىڭدىن كېيىن يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئاياللارنى كەشتىچىلىك كەسپىدىن ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە پىراكتىكا بازىسى قىلىپ بىكىتىلىپ، ئۇنىڭ تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ پۇختىلىشىغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بىرىلىپتۇ.

  بىلىقىز سايىم 2005-يىلدىن بۇيان رەسمىي كۆزگە كۆرۈنۈپ، ناھىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر دەرىجىلىك ساياھەت، سودا يەرمەنكىسى ۋە قول ھۈنەر-سەنئەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بۇ جەرياندا خېلى ئوبدان سودا قىلىش پۈرسىتىگە ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپتۇ. ئەنئەنىۋى قول كەشتىچىلىكى بىلەن زامانىۋى كەشتىچىلىكىنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ،يېڭى دەۋر سودا پۈرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قەرز ئېلىپ بولسىمۇ كەشتىچىلىك ماشىسىنى سېتىۋېلىشنى كېچە-كۈندۈر ئارزۇ قىلىپ يۈرگەن بىلىقىز سايىم بۇ يىل 8-ئايدا ئاپتونۇم رايۇننىڭ مەبلەغ تېز قايتىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرىلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى يوقۇرى كەسىپلەر ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنى قوللاش، يارىدەم بىرىش تۈر مەبلىغىدىن 800 مىڭ يۈەن يارىدەم پۇلىغا ئېرىشىپ، كەشتىچىلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرىشىگە زور ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى 350 مىڭ يۈەنگە بىرسى 9 باشلىق، يەنە بىرسى 6 باشلىق ئىككى يۈرۈش كەشتىلەش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، 10-ئاينىڭ باشلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كەشتىچىلىك ماشىنىسى چۈشىنى ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپتۇ.

  ــــ كەشتىلەش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرۇش، ئىشقا كىرىشتۈرۈپ سىناپ بىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ۋاكالەتچى ئۇستامنى 15 كۈن ئارتۇق تۇتۇپ قېلىپ، ماشىنىنى باشقۇرۇش، ئاسراش، تۈرلۈك نۇسخىدا كەشتە لايىھەلەش، بېسىپ چىقىش تېخنىكىسىنى تولۇق ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىنى ئاۋۇ قىزغا ھەقسىز ئۆگىتىۋاتىمەن،ـــــ دېدى بىلىقىز سايىم كومپىيوتېردا كەشتە لايىھەلەپ ئولتۇرغان ياشقىنە بىر قىزنى كۆرسىتىپ،ــــ ئۇ مېنىڭ تۇنجى قاراردا قوبۇل قىلغان تېرىم يېزىسىدىن كەلگەن بىر شاگرتىمنىڭ قىزى ئىدى، بۇلتۇر ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندىن كېيىن مۇشۇ كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كەپتۇ، بىكار بولسىلا كېلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ.

  بىلىقىز سايىم 2002-يىلدىن بۇيان،كەشتىلىك كەسپىگە چىن رىشتىنى باغلاپ، چىن مېھنەت، چىن ئەقىدىسى بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، 60 خىلدىن ئارتۇق تۈرلۈك شەكىلدىكى گۈل، نەقىش ۋە مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن كەشتىلىك بويۇملارنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ، جەمىئىيەت،ئائىلىنىڭ مەدەنىيلىكى،گۈزەللىكى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسىگە ئايلىنىپتۇ.

  زىيارەت ئاخىرىدا بىلىقىز سايىم مۇنداق دېدى:پارتىيە،ھۆكۈمەت، جەمىئىيەت،ئائىلەم ۋە خېرىدارلىرىمنىڭ قوللىشى،رىغبىتى بىلەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان،قىزىقىدىغان كەشتىچىلىك كەسىپىدە ئىگىلىك تىكلەپ، ئاخىرى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىم ۋە ئارزۇيۇم بولسا،كوپراتىپ ئورنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يەنىمۇ كۆپ يېزا ئاياللىرىنى كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە كوپراتىپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىش يولى تېپىپ بىرىش، ھەم يەنە «بىلىقىز» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت خاسلىقىمىز گەۋدىلەنگەن نەپىس، كۆركەم، سۈپەتلىك كەشتە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ يوپۇرغا ئاياللىرىنىڭ ھۈنەردە قولى چېۋەر، ماھىرلىقىنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا تونۇتۇپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىمنى يەنىمۇ چۇڭقۇر مەنىگە ئىگە قىلىش. يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى.

  سۈرەتلەر: بىلىقىز سايىم(مايسا رەڭ كىيىملىك)نىڭ كەشتىچىلىك كەسپىگە ئائىت بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى.

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·تەپكۈچ تېپىش مۇسابىقىسى 
      ·مەركەز مالىيەسى كېلەر يىللىق شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا 69 مىليارد 720 مىليون يۈەن تولۇقلىمىن…
      ·تارىم ۋادىسىدىكى ئىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ  قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «211 قۇرۇلۇشى» ۋە «985 قۇرۇلۇشى»نى  بىكار قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس دېدى
      ·بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىنى  ياخشىلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
      ·ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېزىقچىلىق ئاسپرانتى قۇبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-تاجىكىستان دۆلەت ھالقىغان زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى…
      ·شىنجاڭدا 45 مىڭ 251 ئوقۇغۇچى مەملىكەتلىك چوڭلار مائارىپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى: ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشتا نېمە ئىسلاھ قىلىنىدۇ؟  
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يەتتە خىل قىلمىشى چەكلىنىدۇ