خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: 15- نويابىر، «قەشقەرشۇناسلىق» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قەشقەر شەھىرى قەشقەر مىھمانخانىسىدا ئېچىلدى، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەر، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن كەلگەن 20 دىن كۆپرەك مۇتەخەسىس ۋە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بىر قىسىم مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، زىيالىيلار، فىروففىسور، يازغۇچى-شائىرلار، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇخبىرلىرى، قەشقەر ۋىلايىتى تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى ناھىيە-شەھەر، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى جاڭ كېراڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى سوڭ جېنيا، شاڭخەي شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شېن گومىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىندا تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ھەر ساھەدىن كەلگەن مۇتىخەسىسلەر ئۆزلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەدىن چىقىش قىلىپ، «قەشقەرشۇناسلىق» تەتقىقاتىنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ماقالە ئوقۇدى ۋە پىكىرلەشتى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مۇتەللىپ ئوبۇل شەندوڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى سۈن جۈيوۋ قاتارلىق 30 نەپەر مۇتەخەسىسگە «قەشقەرشۇناسلىق» تەتقىقاتى تەكلىپنامىسى تارقىتىپ بەردى.
جۇڭگودىكى داڭلىق غەربى دىيار قەدەمىي بىناكارلىق مۇتەخەسىسى، چىڭخۇا ئۇنۋېرىسىتىتى بىناكارلىق تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش دوكتورى ئوبۇل مۇھەممەدئېلى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى پەن-تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئەدەبىيات دوكتورى، فىراففىسور، ئاسپىرانت يىتەكچىسى گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 18 نەپەر مۇتەخەسىس «يىپەك يولى ۋە قەشقەر»، «قەشقەرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى» قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي ماقاللىرىنى ئوقۇدى.
سۈرەتتە: يىغىن مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
مەنبە: خەلق تورى