باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ

2015.01.26 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 23-يانۋار ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى جايلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدا مىڭ مەكتەپ قول تۇتۇشۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە شەھەرلەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىر مەكتەپ بىلەن بىر مەكتەپ، كۆپ مەكتەپ بىلەن بىر مەكتەپ ياكى بىر مەكتەپ بىلەن كۆپ مەكتەپ ئوتتۇرىسىدا دوست مەكتەپ مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئوقۇتۇش، تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، دوست مەكتەپلەر يازلىق لاگىرى ۋە ئۆز ئارا كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش؛ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىرسى بىرگە ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، خەت يېزىش، بىلوگ يوللاش قاتارلىقلارنى كەڭ قانات يايدۇرۇش.

  ئاشكارىلىنىشىچە، 2017-يىلىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ياردەمگە ئېرىشكەن مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى قول تۇتۇشۇش پائالىيىتى تولۇق قاپلىنىدىكەن ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىلىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: مىڭ مەكتەپ قول تۇتۇشۇش پائالىيىتى-مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۆلەت، مىللەت، دىن، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەمنەپەسلىك ئېڭىنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە مائارىپ بايلىقى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر