باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇزىكىلىق دراما ئامېرىكا ساپا مائارىپىنى ئۆستۈرۈشنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى

2015.01.26 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 2015-يىللىق ئامېرىكا ئۆسمۈر بالىلار تىياتىر بايرىمى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە ئاياغلاشتى. ئامېرىكىنىڭ 27 ئىشتاتى ۋە بەش دۆلەتتىكى 101 مەكتەپتىن كەلگەن 4500 دىن كۆپرەك بالا مۇسابىقىگە قاتناشتى. نيۇ يوركتىكى جۇڭگو كوچىسى روڭ خوڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان مۇزىكىلىق دراما «مۇلەن » ئالاھىدە ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. روڭ خوڭ باشلانغۇچ مەكتىپى جۇڭگودىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان روڭ خوڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى جۇڭگو ئەۋلادىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلار. بۇ مەكتەپنىڭ مۇزىكىلىق دراما ئويۇنى ئۇدا كۆپ يىل ئۆسمۈر بالىلار تىياتىر بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ كەلدى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇخبىر بالىلارنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق رېپېتىتسىيىسىنى كۆردى.

  مۇخبىر مەكتەپنىڭ زالىغا كىرگەندە بالىلار رېپېتىتس قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. بالىلار سەھنىدە بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى. ئوقۇتقۇچى ئۇلارغا سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىر سىلەرنى زىيارەت قىلىدۇ دېدى. ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن ھەيران قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئارقىدىن ئۇلار دەرھال رەتكە تىزىلىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينىدى.

  مۇلەننىڭ رولىنى بەشىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى كارولىن ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق ، ھەرىكىتى يېقىملىق بولۇپ بەئەينى خۇامۇلەننىڭ تۇرقىغا ئوخشىشىپ كىتەتتى.ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىنتايىن ياخشى ھېكايە ئىكەن. بۇ رولنى ئېلىشنى ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن باشقا قىزلارغا ئانچە ئوخشىمايمەن ، ئازراق ئوغۇللارغا ئوخشاپ قالىمەن.

  كارولىن مۇنداق دېدى:مەن ھەر ھەپتىدە تۆت قېتىم تىياتىر كۇلۇبىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىمەن. ھەر قېتىملىق پائالىيەت 45 مىنۇت داۋاملىشىدۇ. مەن دىرامما ئورۇنلاشنى ئۆگىنىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىمەن ، بۇنىڭ ئۆگىنىشىمگىمۇ ياردىمى بار.

  ئويۇن ئەترىتىنىڭ باشلىقى 4-يىللىقنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىسى ئاللۇن كۆز ئەينەك تاقايتى. ئۇ دراما ئورۇنلاش دەرسىگە ئىككى يىل قاتناشقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ناخشا ئېيتىش ، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرۈمەن . مەن ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارلىق ئەسكەرلىرىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، زىيانكەشلىك قىلىشقا كەلگەن دۈشمەننى ھەر ۋاقىت تارمار قىلىشىم كېرەك. مېنىڭچە مەن ناھايىتى ياخشى قىلدىم، مەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئالىمەن. ئاللۇن بۇنى رىۋايەتلەردىكى مېھرى مۇھەببەتنى قەدىرلەشتىن ئۆگىنىۋالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ ھېكايىنى ياخشى كۆرۈمەن،خۇامۇلەن مۇھەببەت ۋە شەرەپ ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئورنىدا ئارمىيىگە قاتناشقان. سىز دوستىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن ھەممىنى قىلالايسىز.

  سەنئەت يېتەكچىسى لى يۈباۋ مۇنداق دېدى: مۇلەندىن ئىبارەت بۇ ئويۇننى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمكى ھېكايىسى. بۇ مەكتەپتىكى كۆپ سانلىق بالىلار جۇڭگو ئەۋلادىدىن بولغان بالىلار.

  ئامېرىكا مەكتەپلەردە مۇزىكىلىق دراما تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆسمۈر بالىلار تىياتىرىنى ئويناشنى 2003-يىلى باشلىدى. 2010-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلىنىڭ باشلىرى ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىللىق كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندى. ھەر يىلى دىسنى ۋە برودۋېينىڭ تىياتىر چولپانلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ سۆز قىلىپ، بالىلارنى شىر پادىشاھى قاتارلىق داڭلىق مۇزىكىلىق درامىلارنىڭ كىيىم كېچەك ۋە ئويۇن ئەسلىھەلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  روڭ خوڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بەش يىل ئىلگىرى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئاسىيا ئەۋلادىدىن بولغان سەنئەتكارلار ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىياتىر كۇلۇبى تەسىس قىلىپ،بالىلارنى مۇزىكىلىق دراما ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكىلىق دراما ئويناش ئۆمەكلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  نىنا زوۋېي رام ئامېرىكىدىكى ئاسىيا ئەۋلادىدىن بولغان سەنئەتكارلار ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچى، ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا برودۋېينىڭ مۇزىكىلىق دراما ئارتىسى ۋە رىژىسور بولغان ئىدى.ئۇ ئۇدا كۆپ يىل روڭ خوڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇزىكىلىق دراما يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان . ئۇ مۇنداق دېدى: مۇزىكىلىق درامىنىڭ شەكلى جانلىق ھەمدە ناخشا ئۇسسۇل قوشۇلغان يېقىملىق ھېكايە. بالىلار ئاسانلا قوبۇل قىلالايدىغان،بىر خىل ئىنتايىن ياخشى ئۇنىۋېرسال ساپا مائارىپى. مۇزىكىلىق درامىنى ئاسانلا ئۆگەنگىلى بولىدۇ. دىرامما ئورۇنلاشتا ئەترەتنىڭ ھەمكارلىقى بولۇش كېرەك. ئورۇنلاش داۋامىدا ئۆگىنىش ئەڭ ياخشى مائارىپ ئۇسۇلى، بالىڭىز تارتىنسا، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمىسا، ھەمكارلىشىشنى ياقتۇرمىسا مۇزىكىلىق دراما دەرسىگە ئېلىپ كېلىڭ.

  رام مۇنداق دېدى: مۇزىكىلىق دراما مائارىپى سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار بالىلارغا قارىتىپلا قالماستىن، ئادەتتىكى بالىلارمۇ تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ. روڭ خوڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ھەر يىلى تىياتىر بايرىمىغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئوخشىمايدۇ. بۇ يىل مۇسابىقىگە قاتناشقان بالىلار ئۆتكەن يىلى تاللانغان بالىلار. كۆپلىگەن بالىلار ئەمدىلا درامىغا قاتناشتى. ئارتۇقچىلىقى بار بالىلار ئاساسلىق روللارنى ئالىدۇ. كېيىن قىزىقسا داۋاملىق شۇ كەسىپنى ئۆگەنسە بولىدۇ. ئادەتتىكى بالىلار مۇزىكىلىق درامىلارغا قاتنىشىپ دەرسخانىدا ئۆگىنەلمەيدىغان كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر