باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ

2015.01.26 08:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يۇقىرى»، «ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەش» قاتارلىق تېمىلارغا جاۋاب بەردى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ ھازىر كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ھەققى سەل يۇقىرى دېگەن تېما توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بەش تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىچىدە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فوند چىقىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكتىن، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدا كۆلەمنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ تاپشۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا شارائىتى بار جايلار ۋاقتى كەلگەندە ھەقنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشكە ئالدى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ؛ ئىشسىزلىق، سودا-سانائەت ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىلىرى ئېنىقلا تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  لى جۇڭ ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ مائاشىنى تەڭشەش ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى «ئىشلىمەي مائاش ئېلىش» مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزىتىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى بىلەن تەڭ باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى مائاشنى تەڭشەش نىسبىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ھەر ئايدا ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ھېسابتا تەخمىنەن 300 يۈەن ئۆستۈرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر