باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-قېتىملىق جۇڭگو شەھەر-يېزا ياشانغانلار تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش باشلىنىدۇ

2015.01.26 08:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېڭى دەۋردىكى ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا ياشانغانلار تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش ئۈچۈن يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە 4-قېتىملىق جۇڭگو شەھەر-يېزا ياشانغانلار تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ياشانغانلار مۇلازىمەت ئېھتىياجى زىچ چۆرىدىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئائىلە، ئىقتىساد، جەمئىيەتكە قاتنىشىش، ھوقۇق قوغداش ئېڭى ۋە ھەرىكىتى، تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تورمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالى نۇقتىلىق ئىگىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش تەخمىنەن ئۈچ يىل داۋاملىشىدۇ، بۇ 2014-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق، 2015-يىلىدىكى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ ئېلان قىلىش، 2016-يىلى سانلىق مەلۇماتلاردىن چوڭقۇرلاپ پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر