باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەككىز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

2015.01.23 10:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-يانۋار خەلق سارىيىدا سەككىز دۆلەتنىڭ يېڭىدىن جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن ئەلچىلىرى تاپشۇرغان دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار- زىمبابوۋىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چىكاۋا، سېربىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى باسىۋىچ، بىنگالنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېرۈم، مالدىۋىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىيسال، كوستارىكانىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىئون، جەنۇبىي سۇداننىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۆسەيىن، يېڭى زېللاندىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايكاننيەن، مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زەينۇدىندىن ئىبارەت. شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن چەتئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارغا ئۆز دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرلەشلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى ئۆز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە جۇڭگو خەلقىگە بولغان گۈزەل تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا ئۈچۈن پۇرسەت، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ. ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، بىز جۇڭگوغا ئەلچى بولۇپ كەلگەنلىكىمىزدىن شەرەپ ھېس قىلىمىز، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر