باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو ئىسرالىيە يېڭىلىق يارىتىپ ھەمكارلىشىش كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2015.01.30 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۆنۈگۈن جۇڭگو ئىسرالىيە يېڭىلىق يارىتىپ ھەمكارلىشىش بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلىم پەن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاساسىي، يېڭىلىق يارىتىش مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ جېنى. جۇڭگو بىلەن ئىسرالىيە ئىلىم پەننى سۆيىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان دۆلەتلەر. جۇڭگو ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، خەلقئارالىق يېڭىلىق يارىتىپ ھەمكارلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتمەكتە، يەر شارى يېڭىلىق يارىتىش تۈرىگە پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ مۇقەررەر ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ھەمكارلىشىشىنى ياخشى پۈرسەت ۋە كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن تېخنىكا دۆلەت چېگرىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىققا مۇھتاج. جۇڭگو بىلەن ئىسرالىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ پەن تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى زىچ ئالاقىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ ئورتاق غەلبىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىسرالىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇمۇ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر