باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيە تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى ۋە 16-قېتىملىق ھەربىي ئەمەلدارلار خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پارتىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى، فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەكىتلىدى

2015.01.30 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29-يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 29-يانۋار پۈتۈن ئارمىيە تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى ۋە 16-قېتىملىق ھەربىي ئەمەلدارلار خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى، فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي ئىشلار دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر ئەتراپىدا «جىڭشى» مېھمانسارىيىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىغا كەلگەندە پۈتۈن مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش بىلەن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتكە ۋاكالىتەن ئارمىيە ئىشلىرى دىپلوماتىيە سېپىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر