باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئاساسىي قاتلامدىكى مەدەنىيەت ماھىرلىرى، ئەلئارا سەنئەتكارلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2015.01.30 16:56         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئاساسىي قاتلامدىكى مەدەنىيەت ماھىرلىرى، ئەلئارا سەنئەتكارلار ۋە خەلق ئارىسىدىكى تەشۋىقاتچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يېڭىچە تەشكىلدىكى لېكسىيەلەر، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر، جانلىق تەشۋىقاتلار-- يېزا- قىشلاقلاردىن كەلگەن مەدەنىيەت ماھىرلىرىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

  تەربىيەلەش كۇرسىدا، ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا ناخشا ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە، نەق مەيداندىكى كۇرسانتلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۆگىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئەسلىدە نەزەرىيىۋىلىكى كۈچلۈك بولغان لېكسىيە ئوقۇتقۇچىنىڭ مىسال كۆرسىتىشى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كۇرسانت ياقۇپ كىچىك مۇنداق دېدى:- ئوقۇتقۇچىلار بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ناخشا، ھىكايە ۋە شەخسلەرنى مىسالغا كەلتۈرۈپ، دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ بەزى خاتا سۆز- بايانلىرىغا بىۋاستە رەددىيە بېرىپ، بىزگە نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە بىزگە ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى، بۇ ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن.

  بۇ يىل-- تەشۋىقات- مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى «ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش يىلى» بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدا بىر تۈركۈم مەدەنىيەت تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «ئەل ئارىسىغا يۈزلىنىش، يۈز- تۇرانە بولۇش» شەكلى ئارقىلىق، تەربىيەلەشنىڭ ئادەم بېشىغىچە ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىق قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 33 ناھىيەدىكى مەدەنىيەت ماھىرلىرى، ئەلئارا سەنئەتكارلار ۋە كەنت ئاھالىلار كومىتېتىدىكى تەشۋىقات خادىملىرىدىن بولۇپ، 130 نەچچە كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. ئۇلار مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، «بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىنى تەكىتلەش»، «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش»، «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇش» قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە دەرس ئاڭلايدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىگە قاراشلىق ھەر قايسى مەدەنىيەت- سەنئەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئېكىسكورسىيە قىلىدۇ. بىر قانچە كۈنلۈك ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كۇرسانتلار بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى ناخشا، ئىتوت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يۇرتداشلىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىدىن كەلگەن ئىتوت ئارتىسى ھۆرىگۈل تاھىر مۇنداق دېدى:- بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى تۇرمۇشتا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىتوت قىلىپ ئىشلەپ، يۇمۇرىستىك شەكىللەر ئارقىلىق، يۇرتداشلارنى نىمىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر