باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

قار مۇز ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى «قىزىتىۋەتتى»(1)

2015.02.02 11:32   مەنبە: خەلق تورى

قار مۇز ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى «قىزىتىۋەتتى»(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا – ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل مەزمۇندىكى قار – مۇز بايراملىرىدا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى قار – مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىدىن تازا بەھىرلەندى، چاڭغا مەيدانلىرىنىڭ بازىرى چىقىپ كەتتى، ھەتتا بەزى چاڭغا مەيدانلىرى كۈتىۋالغان مېھمانلار سانىنىڭ ھەپتىلىك ئېشىشى %30 دىن ئېشىپ كەتتى. قار – مۇز ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ 2015 – يىلىدىكى تۇنجى قەدىمىنى «قىزىتىۋەتتى».

  10 – يانۋار ئۈرۈمچى «يىپەكيولى» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 12 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى «يىپەكيولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمىدا 2014 – يىللىق جۇڭگو ناخشا سەھنىسىدە «گۈل نىمانچە بۇنچە قىزىل»،«مېنىڭ قايغۇرۇمغا چىدالامسەن؟» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ چاڭ چىقىرىۋەتكەن پەرھات خالىق ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىلىرىنى مەيداندىكى ئاممىغا سۇندى، مەيداننى تەنتەنە قىلىشقان 3 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ قىقاس ساداسى بىر ئالدى.

  ـــ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى 12 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىگە تارقىتىلغان 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك قار تېيىلىش كارتىسى ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ قىزىتتى، ئىلگىرى – كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىدە شەھەر خەلقى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن بۇ پاراۋانلىقىدىن ناھايىتى خۇشاللاندى، ئۇدا 12 يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمى ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت مۇئەسسەسەسلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللىشىشى بىلەن قىش پەسلىدە ئۈرۈمچىنىڭ يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلىرى كۈتىۋالغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ قىشتا كۈتىۋالىدىغان مېھمانلىرىمۇ يىلدىن – يىلغا كۆپەيدى، 2003 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى تۇنجى نۆۋەتلىك قار – مۇز بايرىمى جەريانىدا 146 مىڭ ساياھەتچى (قېتىم) كۈتىۋالغان بولسا 2013 – يىلى 3 مىليون ساياھەتچى (قېتىم) غا يېتىپ، 10 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا 20 ھەسسە ئاشتى،- دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋكەت تۇردى.

  تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا يانۋار ئېيى كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى كۆلىمى بىرقەدەر زور بولغان چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئوتتۇرا ھېسابتا 1 يېرىم مىڭ مېھمان (قېتىم) كۈتۈۋالغان بولسا، شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرى بۇ سان 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بولۇپمۇ «يىپەكيولى» خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى يېڭى يىلدا كۈتىۋالغان كۈنىگە 6 مىڭ مېھمان (قېتىم) كۈتىۋالغان، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن %20 ئاشقان. چاڭغا مەيدانى ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىمۇ ئاپتوموبىل بىلەن توشۇپ كەتكەن.

  قار – مۇز ساياھەتچىلىكى قىزغىنلىقى ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى چاڭغا مەيدانلىرىنى قىزىتىپلا قالماي يەنە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاڭغا مەيدانلىرىدىمۇ قىزغىن ھالەتنى شەكىلەندۈردى. يېڭى يىل كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قار – مۇز بايرىمىدا بۇلتۇر يىل بېشىدا بۇ ناھىيەدە يېڭىلا قۇرۇلغان چاڭغا مەيدانىمۇ ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك قار – مۇز بايرىمى ۋە باغراش ناھىيەسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك قار – مۇز بايرىمىمۇ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرجايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە چاڭغا تېيىلىش، تۆگىدە چانا سۆرىتىش، قىشلىق سۇ ئۈزۈش قاتارلىق بىرتۈركۈم تەنتەربىيە، مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى. «ئىنسانلارنڭ چاڭغا تېيىلىشىدىكى تۇنجى ئىزناسى بايقالغان ماكان» دەنام ئالغان ئالتاي ۋىلايىتىدە بولسا 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتاي خەلقئارا – قار – مۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى «يىپەك يولى» قار – مۇز جىلۋىسى بايرىمىنىڭ بىر مۇھىم پائالىيەت مەيدانى بولغان ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ جىلغىسى سەيلىگاھى كۈتۈۋالغان مېھمان سانى تارىخدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.

  ئتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلى شىنجاڭدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى سانى 50 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە S دەرىجىلىك چاڭغا مەيدانى 28 گە يەتكەن؛ 1 مىليون 200 مىڭ مېھمان (قېتىم) كۈتىۋالغان بولۇپ، قىش پەسلىدىكىلا تىجارەت كىرىمى 29 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 2015 – يىلىنىڭ يىل بېشىدىكى ياخشى بېسىلغان تۇنجى قەدەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ چاڭغا مەيدانلىرىغا ئامەت ئېلىپ كەلگەن، كۈتىۋالغان مېھمان سانىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان.

  ـــ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى يولغا قويغان «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرت ماكاننى سەيلە قىلىش» قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت قىلىش پىلانى شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى قار – مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ قىزىپ كېتىشىدە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلۈك قار – مۇز بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قىشلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈردى،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن ماڭا.

  يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز قاتنىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى مۇساپە ۋاقتى قىسقىراپ ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى. ئۈرۈمچىدىكى ۋە ئۈرۈمچىگە كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئىككى كۈنلۈك تۇرپان ساياھىتىگە قاتنىشىپ، بۇ سېھىرلىك ماكاننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن بەھىر ئالدى، تۇنجى نۆۋەتلىك تۇرپان شەھىرىنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىگە، يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ياش – قورامىغا يېتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يەنە كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر بوغدا كۆلىگە چىقىپ، بىر تەرەپتىن چاڭغا تېيىلسا، بىر تەرەپتىن ناخشا – ئۇسسۇللارنى كۆردى، تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

  ـــ بىز يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان بەش قېتىملىق قىشلىق ساياھەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىگە بەكمۇ قىزىقتى،- دېدى ئۈرۈمچى «قار لەيلىسى» ساياھەت كوپىراتىپى مىللىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى روشەنگۈل ماڭا.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى