باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ ساياھىتى» ناملىق پويىز تۇنجى قېتىم قاتنىدى

2015.02.02 11:28   مەنبە: خەلق تورى

«شىنجاڭ ساياھىتى» ناملىق پويىز تۇنجى قېتىم قاتنىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 1 – فېۋرال چۈشتە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى نام بەرگەن «شىنجاڭ ساياھىتى» ناملىق تۇنجى ساياھەت پويىزى ـــ Z70 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن بېيجىڭگە قاراپ يولغا چىقتى.

  ئىگىلىشىمچە،«شىنجاڭ ساياھىتى» ناملىق پويىز سەپىرىدە شىنجاڭ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، سەنشى، خېبېي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا 31 سائەت 14 مىنۇتتا بارىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 3161 كلومېتر ئىكەن، يىلىغا بىر مىليون يولۇچى (قېتىم) توشۇيدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2015 – يىلى «گۈزەل جۇڭگو ــــ «يىپەكيولى» ساياھىتى يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، «شىنجاڭ ساياھىتى» ناملىق پويىزنىڭ يولغا قويۇلۇشى تۆمۈريولدەك بۇ يېڭى بىر سەھنە ئارقىلىق يولۇچىلارغا يېپيېڭى بىر «يىپەكيولى ساياھەتچىلىكى» مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ۋە ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئاتا قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنى ئېچىش، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ماركا ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا ئۇلاپلا بىز يەنە ئۈرۈمچى ــ شاڭخەي، ئۈرۈمچى ــ گۇاڭجۇ يۆنىلىشىدىكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان ساياھەت پويىزلىرىغا نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈمىز، تۆمۈريولنىڭ ھەريەرگە تۇتاشقان، تەسىر كۈچى زور ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پويىزنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، بايلىق كۆرگەزمىخانىسى، داڭلىق ماركا يارىتىشىدىكى زور سەھنە قىلىپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى