خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى قاتارلىق يەتتە سەيلىگاھ يېقىندا شىنجاڭ سەيلىگاھلار سۈپىتىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ نەقمەيداندا كشۈرۈپ ئۆتۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، دۆلەتلىك تۆت A دەرىجىلىك سەيلىگاھ سۈپىتىگە يەتكەن، ھازىر ئېلان قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، پات ئارىدا دۆلەتلىك تۆت A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ ۋېۋىسكىسى بېرىلىدىكەن.
ئىگىلىشىمچە بۇ سەيلىگاھلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى ئاققۇ كۆلى سەيلىگاھى، بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىكى كۈنەس سەيلىگاھى، بورتالا ئوبلاستىدىكى مۇقەددەس كۆل سەيلىگاھى، ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تاش ئادەم قازاق مىللىي مەدەنىيەت كەسپىي سانائەت باغچىسى، تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرى بۇددا تېغى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى قاتارلىقلار ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆڭكۆۋرۈك – شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى، ئۈرۈمچىدىكى ئاسىيا كىندىكى جۇغراپىيەلىك ئورنى مەركىزى، يەكەن قارىخانىلار پادىشاھلىق قەبرىستانلىقى سەيلىگاھى قاتارلىق 19 سەيلىگاھ دۆلەتلىك ئۈچ A دەرىجىلىك سەيلىگاھ ئۆلچىمىدىن ئۆتۈپ، ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن.
ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلىكتە 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، 2014 – يىلى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۈچ يىللىق تەرەققىيات پىلانى» نى تۈزۈپ چىقىپ، «12 بەش يىل» نىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھدىن 10 نى بەرپا قىلىشنى، «13 – بەش يىل» نىڭ ئاخىرىغىچە 20 گە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
ـــ «ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا داڭلىق سەيلىگاھ قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دىگەن ئۇقۇم ھازىر ئاپتونوم رايونىمىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە A دەرىجىلىكدىن بەش A دەرىجىلىككىچە بولغان يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھدىن 230 بار، بۇنىڭ ئىچىدە بەش A دەرىجىلىكى سەككىز، تۆت A دەرىجىلىكى 46، سەيلىگاھلارنىڭ تۈرلىرىمۇ بۇرۇنقى بىرلا خىل يەنى سەيلە قىلىشتىن ھازىر كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، ئېكولوگىيەلىك باغچە قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە دۆلەتلىك بەش A ۋە تۆت A دەرىجىلىك سەيلىگااھلار كۈتىۋالغان مېھمان ۋە ساياھەت كىرىمى سانى ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق سەيلىگاھلارنىڭ %80 نى ئىگىلەپ، ساياھەت ئىستىمال نۇقتىسىغا ئايلاندى،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن ماڭا.
ئىگىلىشىمچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قەشقەر كونا شەھەر رايونى سەيلىگاھى، باغراش كۆلى سەيلىگاھىنىڭ دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك سەيلىگاھ قۇرۇلۇشى زور قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، باغراش كۆلى سەيلىگاھى بۇ نامغا ئېرىشكەن، قەشقەر كونا شەھەر رايونى سەيلىگاھىغا پات يېقىندا دۆلەتلىك بەش A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ ۋېۋىسكىسى ئېسىلىدىكەن.