باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈشكە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ

2015.01.30 17:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىكى « يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئالى مەكتەپ ئىدىيىۋى تەشۋىقاتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم سىياسى تۆۋەن چېكى، قانۇن تۆۋەن چېكى، ئەخلاق تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلىشى لازىم، دېدى

  يۈەن گۈيرېن كۆرسىتىپ، « پىكىر» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالى مەكتەپ ئىدولوگىيە ئىستىھكامىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ دەرسلىك ماتىرياللىرىنى باشقۇرۇشنى ۋە دەرسخانىنىڭ مۇنبىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. غەربنىڭ ئەسلى نەشرىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈشكە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ تۆھمەت قىلىشقا، سوتسىيالىزىمغا قارا سۈركەيدىغان گەپ سۆزلەرنىڭ ئالى مەكتەپ دەرسخانىسىدا چىقىشقا ھەرگىز رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەر خىل ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنغا خىلاپ گەپ سۆزلەر ئالى مەكتەپ دەرسخانىسىدا يامراشقا ھەرگىز رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا قورساق كۆپۈكىنى چىقىرىشىغا، ھەر خىل يامان كەيپىياتنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىشقا بولمايدۇ، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر