باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى

2015.01.28 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىكى يېقىندا باش بولۇپ مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ گۇرۇپپا دېيىلىدۇ) قۇرۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېننى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. بۇ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ باش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرىدىن مائارىپ تارماقلىرىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنكى يەنە بىر ھەرىكىتى.

  بۇ گۇرۇپپىنى مائارىپ مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى، ئاخبارات نەشرىيات رادىئو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى قاتارلىق بەش ئورۇن بىلەن بىرلىكتە قۇرغان. مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا، مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خې پىڭ، تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەي جېنخۇا. گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ تەنتەربىيىسى ۋە مەكتەپ پۇتبولچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزام قائىدىلەرنى، فاڭجېن سىياسەت مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرى ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا قاراپ چىقىش، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىش، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ چىقىم خامچوتى ۋە ئاتچوتىغا قاراپ چىقىش قاتارلىقلار.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر