باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ بىلەن پاكىستاننىڭ خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سادىق سۆھبەتلەشتى

2015.01.30 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا پاكىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سادىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پاكىستان بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، باشتىن ئاخىرى جۇڭگو بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تاشقى سىياسەتتىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان يۆنىلىش قىلىپ، پاكىستان بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو پاكىستان تەقدىرىنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە جۇڭگو پاكىستان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسىگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن پاكىستان خەلق پارلامېنتى ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىشى كېرەك.

  سادىق مۇنداق دېدى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى پولاتتەك مۇستەھكەم، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە بىر بىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. پاكىستان جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون تىنچىلىقى، مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ، پاكىستان خەلق پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر